لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى فالۇنگوڭ جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-06-15
Share
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى فالۇنگوڭ جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى اش شتابى مەرسىن شەھىرىدە بولغان تۈركىيە فالۇنگوڭ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىمۇ قاتناشتى. 2021-يىلى 12-ئىيۇن، ئىستانبۇلدا .
RFA/Azigh

باش شتابى مەرسىن شەھىرىدە بولغان تۈركىيە فالۇنگوڭ جەمئىيىتى تەرىپىدىن 12-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا تەشكىللەنگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىمۇ قاتناشتى.

پائالىيەت ئىستانبۇل بەشىكتاش رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، فالۇنگوڭ پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلىكلەرگە ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارشى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى چۈشەندۈردى ۋە كىشىلەرگە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتتى.

پائالىيەتتە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن چېتىشلىقى بولغان، ئىچكى ئەزا بۇلاڭچىلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسىدىكى مەسئۇلىيىتى، بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى ۋە خىتاينىڭ قەرز قىلتىقى سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈرك خەلقىگە چۈشەندۈرۈلدى.

تۈركىيە فالۇنگوڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دېمەت سۇ خانىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى 1999-يىلىدىن بۇيان خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. 23 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋاتىدۇ ۋە دۆلەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سېتىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە غەرب دۆلەتلىرىدە تەپسىلىي دوكلاتلار مەۋجۇت. غەربتە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي ئېمبارگولار قويۇلۇۋاتىدۇ. ماگىنىتسسكىي قانۇنىي ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. زۇلۇمدا بەلگىلىك رول ئويناۋاتقان خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە كىرىشى چەكلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

اش شتابى مەرسىن شەھىرىدە بولغان تۈركىيە فالۇنگوڭ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىمۇ قاتناشتى. 2021-يىلى 12-ئىيۇن، ئىستانبۇلدا .

بىز فالۇنگوڭ مەسىلىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشقا خەلقئارالىق بىر ئىمزا قويۇش پائالىيىتى باشلاتتۇق. خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان پەقەتلا بىز ئەمەس، بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر تۈركلىرى، فالۇنگوڭچىلار، پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار، خرىستىئانلار ۋە تىبەتلىكلەر قاتارلىق پۈتۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان گۇرۇپپىلار ئۈچۈن باشلىدۇق».

پائالىيەتكە خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا 179 كۈندىن بۇيان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى قاتناشتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىرى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەدىكى يەرلىك فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ بىۋاسىتە زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش مەقسەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك فالۇنگوڭ پائالىيەتچىلىرى تەشكىللىگەن مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارغا يەر بېرىلگەنلىكىدىن قاتتىق سۆيۈنگەنلىكىنى، فالۇنگوڭ ئەزالىرى بىلەن بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا قىزغىن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈلمىسىگە قارشى تۈركىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىمەكتە.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارغا مەرھەمەت كۆرسىتىشنى ۋە كۆڭلىنى ئازادە تۇتىدىغان كەيپىياتنى ئېتىقاد سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان بىر قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «خىتايلارنىڭ ئىچىدە بۇ خىل پرىنسىپلار ئورنىغان بولسا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىزنىڭ مىللىتىمىزگە بۇنداق زۇلۇم قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بۇلارنىڭ مەرھەمەت، دۇرۇسلۇق ۋە كەڭ قورساقلىق دېگەن ئۈچ پىرىنسىپىنى پۈتۈن خىتايلار ئۆزىگە ماسلاشتۇرغان بولسا بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزمىگەن جەمئىيەت شەكىللەندۈرەلمەيتتى. بىز بۈگۈن ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. بەلكىم بۇندىن كىيىن بىللە پائالىيەتلەرنى قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى بىزمۇ خىتاي ھۆكمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتىمىز، ئۇلارمۇ شۇنداق.

زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىللە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق. مەن شەخسەن ئۇلارنى قوللايمەن».

فالۇنگوڭ جەمئىيىتى خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر ۋە دىنى گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ئىمزا قويۇش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە خەلقنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ دىنغا بولغان ئۆچمەنلىكىگە ۋە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

دېمەت سۇ خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ھېچبىر تۈركنىڭ ھېچبىر يەردە زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىمىز لازىم. مۇسۇلمانلىقنى ۋە تۈركلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن، بىر كىشىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز كېرەك. پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن سۈكۈت ئىچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش. ئەلۋەتتە بىزنىڭ سەزگۈرلۈكىمىز تۈركىيە. چۈنكى بىز بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز ۋە خىتاي قانچىلىك ئىنكار قىلسا قىلسۇن بىز بۇ زۇلۇمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمىز».

پۈتۈن دۇنيادا مىليونلارچە ئەزاسى بولغان فالۇنگوڭ 1999-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، فالۇنگوڭ مەسىلىسى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرى بىلەن بىللە خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت