لاگېردىن چىققان 9 نەپەر سابىق تۇتقۇن ھامماللىقتىن تاپقان پۇلىنىڭ يېرىمىنى لاگېرغا تاپشۇرغان

0:00 / 0:00

لاگېرنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ ھامماللىق قىلىۋاتقان تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىم ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، پاختەكلىدىكى ئەركىن ھاشىم قاتارلىق لاگېردىن چىققان 9 نەپەر سابىق تۇتقۇنىنىڭ لاگېر خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بىر يۈك شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇلارغا نورمال ئىشچىلاردىن يېرىم ھەسسە تۆۋەن مائاش بېرىلگەندىن باشقا، مائاشىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى لاگېرغا تاپشۇرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلىشىمىزدا مەكىت ناھىيسەدە لاگېردىن چىققانلارنىڭ مەخسۇس بىر ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ لاگېردا ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشاشتىن باشقا ئەركىنلىكى يوقلۇقى؛ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەسلى مەھەللسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست بۇرادەرلىرى بىلەن رۇخسەتسىز كۆرۈشەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا قەشقەر پاختەكلىدە لاگېردىن چىققان بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ يەنە لاگېر خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە ئىش ھەققىنىڭ يېرىمىگە يېقىنىنى لاگېرغا تاپشۇرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. پاختەكلىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاختەكلى يېزىسىنىڭ بىر كەنتىدىكى لاگىرىدىن چىققان ئەركىن ھاشىم قاتارلىق 9 نەپەر سابىق تۇتقۇن، لاگېر خادىملىرى تەرىپىدىن قەشقەر شەھىرىدىكى بىر يۈك توشۇش شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇلار بۇ جايدا كۈنىگە 10 سائەتتىن 7 كۈنچە ئىشلەپ 2200 يۈەن ھەق ئالغان؛ بۇ پۇلنىڭ 900 يۈەنىنى لاگېرغا تاپشۇرغان.

بايان قىلىنىشىچە، بۇ يۈك شىركىتى قەشقەرنىڭ قىزىل دېگەن جايىغا يېقىن بولۇپ، بىز ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرى بويىچە، ئەركىن ھاشىم قاتارلىق 9 سابىق لاگېر تۇتقۇنى ئىشلەۋاتقان يۈك شىركىتىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۆز قول ئاستىدا 57 نەپەر ھاممال بارلىقىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر شىركەت ئامانلىق خادىمى بۇ شىركەتتىكى ئىشچىلارنىڭ نورمالدا 4-5 مىڭ يۈەن ئارىسىدا ھەق ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ خادىم، لاگېردىن ئەكىلىنگەن ئەركىن ھاشىم قاتارلىقلارغا نېمە ئۈچۈن تۆۋەن ھەق بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بۇ خادىم ئۆز قول ئاستىدىكى 57 ھاممالدىن قانچىسىنىڭ لاگېردىن چىققانلار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئەمما ئۇ ئەركىن ھاشىم قاتارلىق 9 سابىق لاگېر تۇتقۇنىنىڭ بۇ ئىش ئورنىدىمۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىش ۋە بايراق چىقىرىش قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، لاگېر خادىملىرىنىڭ بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنى ھەپتىلىك ياكى ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى لاگېرنىڭ كىرىمى قىلىۋاتقانلىقى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بولسا، بۇ ئىشلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تاشقى دۇنيانى، جۈملىدىن بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ بىر كۈنلۈك ئىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە لاگېرغا ئەكېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. ئەركىن ھاشىم ۋە كامېرداشلىرىنىڭ پەرقلىق تەرىپى، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتە ئۆز ئائىلىسىگە قايتىشى ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈشى ئىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، يەنى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ سابىق تۇتقۇنلارنى ئىشقا ئېلىشنى خالىمايۋاتقانلىقى، لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پەقەت تۆۋەن ئىش ھەققىگە كېلىشىش ئارقىلىق، تۇتقۇنلارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بۇ كىشى تۇتقۇنلارنىڭ بۇ تۆۋەن ئىش ھەققىگە ئۆزى خالاپ ئەمەس پەقەت دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، يەنى جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قوبۇل كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغانىدى. ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامانلىق خادىمى لاگېر باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن شىركەت ئارىسىدا بۇ كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىش ھەققى بېرىشتە قانداق كېلىشىم بارلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ لاگېردا قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا، بەزىلىرىنىڭ لاگېر سىرتىدىكى زاۋۇت ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي ھەقىسىز ئىشلىسە، بەزىلىرىنىڭ ئەرزان باھادا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇنداق پەرقلىق ئىشلىتىلىشىدە، تۇتقۇنلارنىڭ ئاتالمىش جىنايەت دەرىجىسىنىڭ ئۆلچەم قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ياكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆز كەيپى بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئىلگىرى ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت قۇرۇلۇش توختاملىرىدىن، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا لاگېر قۇرۇلۇشى چىقىمىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئارتىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان زور ساندا ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىغا ئاساسەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېر چىقىمىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە تۆلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەنىدى.