لوندوندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

28-ئاۋغۇست كۈنى سابىق تىبەت ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا، 30-ئاۋغۇست كۈنى «ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇنىڭدىن دەل 4 يىل بۇرۇن، يەنى 2016-يىلى 28-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، تىبەتتىكى كوممۇنىست پارتىيە باش سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. بۇ تۆت يىل جەريانىدا چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ساندا كىشىنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى، كېسىۋېتىشى ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولىشى ھەم بۇ لاگېرلارنىڭ تېخىگىچە داۋام قىلىشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بىز نامايىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ب د ت نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە ئەنگلىيەلىكلەر بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىش ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى ئانتونىئو گۇتېررېسكە بىر پارچە خەت سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ لوندون ئىشخانىسى بىلەن تىبەتلەرنىڭ لوندوندىكى تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە يازغان خەتتە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە شى جىنپىڭ بىلەن چېن چۈەنگونىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇلارنى سوتقا تارتىشى تەلەپ قىلىنغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ئارقىدىن 30-ئاۋغۇست كۈنى بولسا خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن لوندوندىكى تىبەت تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق. لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك»، «خىتايلار زۇلۇمنى توختاتسۇن»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتتىن چىقىپ كەتسۇن»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن»، «ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر قەيەردە؟» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ نامايىشنى ئەنگلىيەدىكى تىبەت بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق نىڭ بىرلىكتە «ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، نامايىشنىڭ تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

28- ۋە 30-ئاۋغۇست كۈنلىرى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىلا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ماھىرە ئەيسا خانىم بۇ ئىككىلا نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلار، جەنۇبىي ئەزەربەيجانلىقلار ۋە تۈركلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرىدىن كېرەم قارى لوندوندا ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئىزچىل ھالدا ھەر ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، يەھۇدىيلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھەر ھەپتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ بۇ نامايىشلارغا قاتنىشىۋاتقانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت