لوندوندا 80 دىن ئارتۇق نامايىشچى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.13
london-protest-202009.png 80 دىن ئارتۇق نامايىشچى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىغان يىغىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. 2020-يىلى 11-سېنتەبىر. لوندون، ئەنگلىيە.
Social Media

جۈمە كۈنى 80 دىن ئارتۇق نامايىشچى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىغان يىغىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

«VICE» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نامايىشقا سادە ساۋيېر ئىسىملىك يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى تۋىتتېر ئۇچۇرى سەۋەب بولغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىندا خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرىغا تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى بىر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن جىددىي نامايىش قىلىشنى پىلان قىلغان ۋە تۋىتتېردا چاقىرىق ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرى 30 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ھەمبەھرىلەنگەن.

تېخى ئۆتكەن ھەپتىگىچە 30 دىن ئارتۇق تۋىتتېر ئەگەشكۈچىسى بار بولغان سادە تۋىتتېردا قوزغالغان بۇ كەڭ كۆلەملىك ئىنكاستىن ئۆزىمۇ ھەيران قالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن تېخى ئۆتكەن ھەپتىگىچە بۇنىڭدىن خەۋەر سىز ئىكەنمەن. بۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئادەمنى شۈركۈندۈرىدۇ.»

«ۋايس» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىغانلىقىغا قارىشى بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇلارنى «قايتا تەربىيەلەش» دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقنى ئېيتىشقا.

ئۇ لار يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان بىر مۇسۇلمان نامايىشچى، بۇنىڭ بىر مۇسۇلمان مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئېيتقان.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە «خىتاي ئىرقىي تازىلاشنى توختات»، «ئۇيغۇرلارغا ئادالەت»، «دۇنيا: 1945-يىلى ھەرگىز قايتىلانمىسۇن، دېدۇق-يۇ، 2020-يىلى بىز بۇنى يەنە قىلدۇق» دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان.

خىتاينىڭ 1. 8 مىليوندىن 3 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدىغان تۈركىي مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.