خىتاي لوپنۇردا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كوممۇنىست خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا DF-41 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ ماڭغان ماشىنا. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
كوممۇنىست خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا DF-41 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ ماڭغان ماشىنا. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولۇۋاتقان، ھەممە دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغان بۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەخپىي يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ لوپنۇر يادرو سىنىقى بازىسىدا كۆپ قېتىم ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. رادىيومىزنىڭ 2005-يىلى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 1964-يىلدىن باشلاپ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە ۋە يادرو سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي خادىملار بولۇپ، جەمئىي 750 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. خىتاي 1997-يىلغىچە بۇ جايدا 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇ سىناق جەريانىدا تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەر خىل غەيرىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ۋە باشقا سىياسىي، ئىقتىسادىي كىرزىسلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تەڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماقچى بولۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ لوپنۇردىكى بۇ يادرو سىنىقى خىتاي ئۆزى ھېس قىلىۋاتقان تاشقى تەھدىت ۋە ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش، يادرو كۈچى ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ، ئۇلارنى چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىتايدا بىر ئەنسىرەشنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى خىتايدىكى قوراللار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ ئامېرىكانىڭ قوراللىرىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق خېلى كۆپ دۆلەتلەر بىلەن يىرىكلىشىپ قالدى. خىتاينىڭ ئالدىدا يەنە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى دېگەندەك مەسىلىلەر بار. بۇ مەسىلىلەر خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ياراتتى. شۇڭا خىتاينىڭ يادرو كۈچى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى چېكىندۈرۈش نىيىتى بار. خىتاي 1996-يىلى يادرو سىنىقىنى توختاتقان بىلەن بۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك تىپتىكى يادرو سىناقلىرىنى تېخى توختاتمىدى. خەلقئارا قانۇندا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى ساقلىشىغا يول قويۇلىدۇ. يەنى يادرو ھۇجۇم قىلىش قورالى ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك قورال دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا خىتايمۇ ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتسا كېرەك».

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 15-ئاپرېل سانىدا «خىتاينىڭ لوپنۇردا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئاپرېل ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىشقا دائىر بىر دوكلاتنى تەييارلىغان. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي گەرچە يادرو سىنىقىنى چەكلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىمىز دەۋاتقان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە لوپنۇردا يەر ئاستى يادروسى سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى خىتاي يېقىندىن بېرى ئۇ يەردە جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان، كەڭ-كۆلەمدە لەخمە قېزىۋاتقان بولۇپ، پارتلاش كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا يادرو سىنىقى پائالىيىتى ئەزەلدىن مەخپىي بولۇپ، بۇمۇ ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئەندىشە قىلىشىدىكى بىر سەۋەبتۇر. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى يادرو سىنىقىنى ئۆلچەش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان. يادرو سىنىقىنى ئۆلچەش مەركەزلىرى خەلقئارا «يادرو سىنىقىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان. كېلىشىم تۈزگەن ئەللەر يادرو سىنىقى مەركىزىنى ماڭدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋېنادىكى خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش باش شتابىغا يوللاپ بېرىدۇ. خىتاي بۇ ئورگانغا ئۆزىنىڭ يادرو سىنىقى مەلۇماتلىرىنى تولۇق يوللىمىغان.

«بۈگۈنكى ھىندىستان» تېلېۋىزىيە قانىلى 15-ئاپرېل بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار تېلېۋىزىيە مۇخبىرى گېتا موخان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقى ئەھۋالى ئەزەلدىن ئاشكارا ئەمەس. ئۇنىڭ يەرلىك يادرو سىناق بازىسىدا قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشى ناھايىتى مەخپىي. خىتاينىڭ ئۇ يەردە داۋاملىق لەخمە قېزىپ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي يادرو قوراللىرىنى چەكلەش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋاملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى دەپ ئەيبلەنگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ باشقا قىلمىشى بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. خىتاي يەنە 1984-يىلدىن بېرى، ‹خەلقئارا بىئولوگىيەلىك قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى› گە ئەمەل قىلماي كەلدى، خىتاي بۇ قېتىم كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندا ئۆزىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقىماي ئۇنى دۇنياغا يامرىتىۋەتتى. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، خىتاينىڭ يەنە بىئولوگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم».

ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى چاغدا خىتاينى «يادرو سىنىقى مەركىزىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. رادىيومىز 2014-يىل 15-دېكابىر «خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىدىكى يادرو سىنىقى بازىسى يەنە بىر قېتىم خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ۋە 9-دېكابىر كۈنى ۋېنادا يادرو قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن ئاپىتى ھەققىدە 3-قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزگەن. يىغىندا خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو سىناقلىرى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ۋە مۇھىتىغا ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

يادرو مەسىلىسىدىكى مۇھىم كېلىشىم 1996-يىلى تۈزۈلگەن «يادرو سىنىقىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئەھدىنامىسى» بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمدە يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلغان. بۇ كېلىشىمگە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىمزا قويغان بولسىمۇ، يادرو مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى سەۋەبىدىن قانۇنىي كۈچكە بولالمىغان.

پرېزىدېنت ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە رۇسىيەمۇ بار ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ «يادرو سىنىقىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئەھدىنامىسى» غا رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ئەيبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى رەت قىلغان: «ئامېرىكا ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ، يوق يەردىن ئەيىب ئىزدەپ جۇڭگونى قارىلاۋاتىدۇ. بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىز ۋە يامان غەرەزلىك ئەيبلەشتۇر. ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ئامېرىكانىڭ بۇ ئەيبلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قەتىي قارشى تۇرىدۇ.»

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روبېرت ئەشلى 2019-يىل 5-ئايدا ھۇدسون ئىنستىتۇتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاي كەلگۈسى 10 يىلدا يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى بىر ھەسسە كېڭەيتىدۇ، دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشى ئۇنىڭ «يادرو سىنىقىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە رىئايە قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدا 300 دىن كۆپ يادرو ئوق بېشى، ئامېرىكادا بولسا 3800 يادرو ئوق بېشى بار ئىكەن.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تاراتقۇلاردا «خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ، ئۇلار كەلگۈسىدە يادرو ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟» گېگەندەك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھەقتە ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

«يادرو قوراللىرى ئىنسانلارنى كەڭ-كۆلەمدە ئۆلتۈرىدىغان قورال، ئەگەر بۇ قورالنى ئىشلەتكەندە ئۇنى ئىشلەتكەن دۆلەتلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ يوقىلىپ كېتىش خەتىرى بار. شۇڭا بۇ قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش توغرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا قانۇن تۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن يادرو قوراللىرىغا چەكلىمە قويۇش كېلىشىمى تۈزگەندە خىتاينىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي ئۇنىڭغا قوشۇلمىغان. خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو بازىسىدىكى ھەرىكىتىدىن قارىغاندا ئۇ يەنە يېڭىدىن يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. ئەمما مەنچە مەيلى ئامېرىكا، رۇسىيە ياكى خىتاي بولسۇن، ھازىرچە يادرو قوراللىرىنى بىر-بىرىگە ئىشلەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئىشلىتىپ قالسا پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋەيران بولىدۇ دېگەن گەپ.»

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە 1996-يىلى تۈزۈلگەن «يادرو سىنىقىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئەھدىنامىسى» غا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى مەخپىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا ئېلان قىلغان يۇقىرىقى مەلۇمات بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىناقنى قايتىدىن باشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى دۇنيا ئەللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا. ئەگەر خىتاي بۇ سىناقنى چوقۇم ئېلىپ بارسا ئۇنىڭ شۇ ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىگە كەلتۈرىدىغان ئاپەتلىرىنى مۆلچەرلىمەك تەس.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق، ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت. بۇ پروگراممىنى جەۋلان تەييارلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت