لۇگانودىكى «خىتايغا نەزەر» پائالىيىتىدە گۇمانلىق «زىيارەتچى» خىتايلار پاراكەندىچىلىك كەيپىياتى پەيدا قىلغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.02.23
xitaygha-keskin-nezer-1.jpg (سولدىن) د ئۇ ق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، سېلىنا موررېل، رىزۋانئاي ئىلھام لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيەتتە. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

شىۋېتسارىيەنىڭ لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىسى» ساھىبخانىلىق قىلغان، چوڭ تىپتىكى «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيەت جەريانىدا ئۆزلىرىنى ساياھەتچى كۆرسەتكەن خىتايلار كېلىپ، پاراكەندىچىلىك كەيپىياتى ياراتقان. 18-فېۋرال باشلانغان بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا، لۇگانو شەھەر مەركىزىدىكى «ئاسىلو سىياھنى كۈلتۈر مەركىزى» نىڭ چوڭ زالغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ سىزما رەسىملىرى ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرى رەسىملىرى تىزىلغان بولۇپ، فىلىم ئۆيىدە چەتئەللىك مۇخبىرلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىناكارلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى جازا لاگېرى سىن فىلىملىرى توختىماي قۇيۇلغاندىن باشقا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ رەسىملىك ۋىدىيوسى چوڭ ئېكراندا قويۇلۇپ تۇرغانىدى. 23-فېۋرال بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغۇچى «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىسى» دىن ۋىكتورىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بەزىبىر گۇمانلىق خىتايلار نەق مەيدانغا كېلىپ رەسىم تارتقان ۋە سىنغا ئالغان. شۇنداقلا ۋىكتورىيە خانىمدىن بەزى سوئاللارنى سوراپ، پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان. ۋىكتورىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ پائالىيەت باشلانغان دەسلەپكى كۈندىن باشلاپ، بۇ يەرلىك ئەمەس خىتايلارمۇ كىرىپ كۆرۈشكە باشلىغانىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئوخشاش خىتايلار بىر نەچچە قېتىم كەلدى. بۇلاردىن بىرى مەندىن سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى. بۇ پائالىيەتنى نېمىگە تەشكىللىدىڭلا؟ كىملەر ۋە قانچىلىك كىشى قاتناشتى؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. چارشەنبە كۈنى يەنە كەلدى ۋە بۇ يەردىكى ئادەملەرنى رەسىم تارتىشقا ۋە سىنغا ئېلىشقا باشلىدى. بىز، بۇ ۋاقىتتا بۇلارنىڭ نورمال ئادەملەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. »

لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيەتتە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم سىن ئارقىلىق دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيەتتە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم سىن ئارقىلىق دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

 ۋىكتورىيە خانىم يەنە :سىز ئۇلارنى «خىتاينىڭ جاسۇس گۇماندارلىرى دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا شۇنداق جاۋاب بەردى: «لۇگانو ساياھەت شەھىرى، ئەمما بۇ پەسىل ئاساسەن ساياھەتچى كەلمەيدىغان پەسىل، بۇ ئادەملەر ئۆزىنى ساياھەتچى دېگىنى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىنگلىزچە، ئىتاليانچىسىدىن بۇلارنىڭ نورمال ئادەملىكىگە كىم ئىشىنىدۇ؟ يەنە بىرىگە بۇلارنىڭ سورىغان سوئالى بۇ يەردىكى كۆرگەن نەرسىلەر ھەققىدە ئەمەس بەلكى ئۇلار بۇنى تەشكىللىگۈچى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى سورىدى، شۇنداقلا ئوغرىلىقچە سىنغا ئېلىشتى ۋە رەسىم تارتىشتى. ئەمما بۇ پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇنلا بۇنداق نازارەت قىلىشلار باشلانغانىدى».

لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيىتىگە قاتناشقۇچى بىر خانىم لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ ئىمزاسىنى ئالماقتا. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيىتىگە قاتناشقۇچى بىر خانىم لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ ئىمزاسىنى ئالماقتا. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ ھەقتە مەركىزى شىۋېيتسارىيەنىڭ زيۇرىخ شەھىرىدىكى، «شىۋېيتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ خادىمى ۋە شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «تىبەتكە نەزەر» پەسىللىك ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بەتتىنا خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل، ۋىكتورىيە خانىمنىڭ ئېيتقانلىرىنى تولۇقلاپ شۇنداق دەيدۇ.

 «بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى، بىز ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى بىر پائالىيەت بولدى. پائالىيەت جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر كىرىپ نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە سوئاللار سوراشتى. ھەممىدىن بەكرەك بىزنى خۇشال قىلغىنى، فىلىم سالونىغا ھەر كۈنى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنى سىنىپ بويىچە ئەكېلىپ كۆرسەتتى. ئەمما بۇ جەرياندا بەزى ئادەمنى راھەتسىز قىلىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن بولدى. مەسىلەن چارشەنبە، سەيشەنبە، دۈشەنبە كۈنلىرى خىتاينىڭ ئادەملىرى كېلىپ نەق مەيداندا رەسىم تارتىدىغان، ۋىدىيوغا ئالىدىغان ئىشلار يۈز بەردى. ۋىكتورىيەدىن ۋە باشقىلاردىن سوئاللارنى سوراپ ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتى. »

لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيىتىدە لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەقپىدىن ۋېكتورىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى بىر ھەپتىلىك بىرلەشمە پائالىيىتىدە لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەقپىدىن ۋېكتورىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ بۈگۈنكى، يەنى 23-فېۋرالدىكى پىروگراممىسىغا، فىلىمدىكى شاھىتلارنى كۆرگۈچىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش مەقسىتىدە فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ تەكلىپ قىلىنىپ يېتىپ كەلگەنىدى. فىلىم ئۆيىدە ئېكراندا ئۇنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن گۈلباھار خانىم بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى ۋە كىتابىغا ئىمزا قويغۇزۇشتى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىم(ئوڭدا) قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي بىلەن. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىم(ئوڭدا) قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي بىلەن. 2024-يىلى 23-فېۋرال، شىۋېتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۈلباھار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۈگۈن بۇ يەرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاڭلاتقىلى كەلدىم» دەيدۇ

«لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىسى» ساھىبخانىلىق قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈۋاتقان، شىۋېيتسارىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسى ھەمكارلاشقان «خىتايغا كەسكىن نەزەر» نامىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ يەنىلا «ئاسىلو سىياھنى مەدەنىيەت مەركىزى» ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.