2-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا بىر توپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى جەم بولۇپ، 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «شېئىر ۋە شائىر بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەلگىسىدۇر، ئەگەر بىزنىڭ ئۇيغۇر شائىرلىرىمىز مەۋجۇت بولسا بىز يوقاپ كەتمەي ياشاپ كەپتىمىز دەپ قارىساق بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىر بولسا، ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازىدىغان شائىر بولسا، ل. مۇتەللىپكە ئوخشاشلا شائىرلار بولسا بۇ تىل ئۆلمەيدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ئۆلمەيدۇ»، دەپ تەكىتلىدى.

بۇ يىغىننى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، تارىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى شىركىتى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. يىغىندا ئالدى بىلەن شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم «شائىر، شېئىر ۋە مىللىي روھ»، دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر قەھرىمان شائىرلىرى، جۈملىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تارىخىي جەريانلىرى توغرىسىدا توختالدى. شۇ قاتاردا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىس ۋەكىلى دوكتۇر دىلشات بارىشچى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھايات-ئىش-ئىزلىرى ۋە يازغان شېئىرلىرى توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 23 ياشلىق لۇتپۇللا مۇتەللىپتە ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيەتنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا ئانىسىنىڭ تۆھپىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىغا ۋە ئەسەرلىرىگە بېغىشلىغان ماقالىلىرى ئوقۇلدى شۇنىڭدەك لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «خىيالچان تىلەك» قاتارلىق شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىندى.
يىغىنغا يەنە بىرقىسىم ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ناخشىچى رۇستەم نىيازۇف ۋە گوللاندىيەدىن كېلىپ قاتناشقان سەنئەتكار پەرھات ئابىت «زۆھرە جانىم»، «سالام لۇتپۇللا» دېگەن ناخشىلارنى ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەم شائىر ھەم ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇنى خاتىرىلەشتە مەن ئىككى سەۋەب بار دەپ قارايمەن، بىرى شائىرلىق تالانتى، ئۇ، ئۆزىنىڭ 8 يىللىق ئىجادى ھاياتىدا ياراتقان ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق يېڭى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە بىر ئۈلگە تىكلىگەن، بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز كلاسسىك ئەدەبىياتتىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كىرگەن دەۋردە ئۆزگىچە شېئىرى ئۇسلۇبلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شائىرلارنىڭ قاتارىغا ئۆتكەن. ئۇنى زامانداشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ تالانتلىق شائىر دېيىشكە بولىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىدا نېمىنى يازغان بولسا ئۇ شۇنداق ياشىدى، ئۇ پەقەت شېئىر يېزىپ خەلقنى كۈرەشكە ئۈندىمەستىن بەلكى بىۋاسىتە ئىنقىلابقا قاتناشتى دېسەك بولىدۇ. ئۇ ئۆزى تەشكىلات قۇرۇپ ئەينى چاغدىكى رەزىل خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈرەش سېپىگە ئاتلاندى. ئۇنىڭدا ئۆز خەلقنىڭ ئازادلىقىغا بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئىنتىلىش بار ئىدى. شۇ نۇقتىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى مىللىي قەھرىمان ھەم 20-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك شائىر دېيىشكە بولىدۇ».

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان جەڭگىۋارلىق شېئىرلىرىدا ۋەتەن خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا بېغىشلانغان كۈرەش روھى بارلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»، دېگەن شېئىرلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
1922-يىلى تۇغۇلغان ۋە ياش شائىر، دراماتورگ سۈپىتىدە تونۇلغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 1930-1940-يىللاردا مائارىپ تەربىيەسىنى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە ئالغاندىن كېيىن ئاقسۇدا گېزىتخانىدا ئىشلىگەنىدى. 1945-يىلى 7-ئايلاردا ئاقسۇدا خىتايغا قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان ئىنقىلابىي ياشلار بىلەن بىرگە خىتاي گومىنداڭ ھەربىي-ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، شۇ يىلى 9-ئايدا خىتاي قوشۇنلىرى تەرىپىدىن باشقا 30 نەچچە سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
2-ئۆكتەبىر كۈنى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەۋەللۇتى خاتىرىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيەتلىرىدىن زوق ئېلىپ، ئۇنى ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئۈلگە قىلغان، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ئۆتكۈزۈۋاتقان پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى قاتارلىق ئورگانلار ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شائىر ۋە پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقى، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ 58-يىللىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى.