ما شىڭرۇينىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سۆزىدە خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى «قانۇن» يېپىنچىسى بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەرگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىغىندا «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش قارارى» ماقۇللانغان.

يىغىندا 13 تۈرلۈك «مۇھىم خىزمەت» ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن «شى جىنپىڭنىڭ قانۇن-نىزام ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ سوتسىيالىزملىق قانۇن بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغداش؛ قانۇن ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ تاشقىي كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ‹شىنجاڭ ساداسى› نى ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق ياڭرىتىپ، كېلىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىش، كېتىدىغانلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر جەھەتتىن مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ ئىدىئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش؛ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سۈرۈش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» 15-ماي كۈنى بۇ يىغىن ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىلەر ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ۋە ئەڭ مۇھىمى يەنىلا «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇن ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش» بولۇپ، بۇنى شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرگىچە ئىزچىلاشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر شىنجاڭدا تېررورلۇق ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېگەنلىرى تولىمۇ كۈلكىلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ھەرگىز قانۇن بىلەن باشقۇرمايدۇ، بەلكى قانۇنسىز ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى رەزىل ۋاسىتىلىرى بىلەن تېررورلۇق يۈرگۈزىدۇ. قانۇن دېگىنى خىتاينىڭ ئۆز يۈزىگە چاپلىۋالغان ماركىسى؛ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى قانۇنغا پۈتۈنلەي خىلاپ».

«دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كېرەك» دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كومپارتىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان، قانۇننى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىكەن. 16-ماي كۈنى «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ: خىتاينىڭ قانۇنى بارغانسېرى ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەق قانۇنسىزلىقىغا ئورۇن بوشاتتى» ناملىق ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لوندوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى قۇرغان «كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى» ئورگىنى 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان؛ بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى خالىغان بىر ئۇيغۇرغا «تېررورچى، بۆلگۈنچى، رادىكال دىنچى» قالپىقىنى كىيدۈرسە، قانۇن، سوت، ئادۋوكات دېگەنلەر تامامەن كېرەكسىز نەرسىلەرگە ئايلانغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش قانۇنى بويىچە بولغاندا، تۇتقۇن قىلىنغانلار سوتنىڭ ھۆكمى چىققىچە 20 كۈندىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلماسلىقى كېرەك، ئەمما تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار قاماقتا 2 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق چىدىغۇسىز قىيناشلارغا، خورلاشلارغا ئۇچرىغان، نەچچىسى ئۆلۈپ، نەچچىسىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئوغرىلانغان.

رادىيومىزنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ھەر 25 ئۇيغۇردىن بىرىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، مەزكۇر ناھىيەنىڭ دۇنيادىكى تۈرمىگە قامىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ناھىيە دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پەقەت تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، لاگېرغا قامالغان، ئەمما تېخى ھۆكۈم قىلىنمىغانلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. «قارىقاش ھۆججەتلىرى» دىن كېيىن ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەتمۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاتالمىش قانۇنىنى قانداق قىلىپ زوراۋانلىق ۋاسىتىسىغا ۋە جىنايەت قورالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى بەزىدە يەرلىك قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن، ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرى دېگەنلىرىنىڭمۇ بەزى قانۇن-نىزاملىرى بار، شۇڭا قارىماققا ئۇنىڭمۇ قانۇنىي ئاساسى باردەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قانۇنلار ساختا قانۇن ياكى قانۇنغا قارشى قانۇندۇر؛ يەنى قارىماققا قانۇندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇ ئاساسى قانۇن پرىنسىپلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى ۋە قانۇن-نىزام روھىغا خىلاپتۇر».

ئامېرىكادىكى كور ئانالتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاندېرس كورر بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان خېتىدە، خىتاينىڭ قانۇن نامى ئاستىدا قانۇنسىزلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا ئېغىر جازا بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنسىز قىلمى شلىرى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى يېڭىلىق ئەمەس، چۈنكى بۇ نەچچە يىلدىن بېرى ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. ھازىر قىلىدىغان ئىش خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىزلىقلىرىنى يېڭىدىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئەمەس. بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت ۋە پىلان تۈزۈپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. يەنى پەقەت شىنجاڭ رايونى ۋە ئايرىم شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈپلا بولدى قىلماي، پۈتكۈل خىتايغا ئىقتىسادىي ئىمبارگو ۋە ئېغىر تاماژنا بېجى قويۇشى، خىتاي كومپارتىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قانداق قوغداش ۋە ئۇلارغا قانداق مەسئۇل بولۇشنى ئويلىشىشى كېرەك».

بۇ يىغىندا نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا «سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش»، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇل، شەكىل ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» نى سۆزلەش، تەشۋىقات سېپىدە خىتايغا تەرەپدار توپلاش، خىتايغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغانلارنى تەكلىپ قىلىش، خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى قوغداش قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ 2014-يىلدىن بۇيان دۆلەت تاراتقۇلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت ساختا تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزى ئالدىدا مەغلۇب بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىندا يەنە ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى قوغداش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارمۇ مۇھىم ۋەزىپە دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئىلشات ھەسەن بىڭتۇەننىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ۋە مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە قورالى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەپ، نوپۇسىنى ئازلىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مىللىي ئېڭى، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر زەربە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.