ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيى بولغان «ئىزدىنىش» تورىدا 16-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى مەزمۇت ئالغا سۈرەيلى» تېمىسىدىكى باش ماقالە ئەمىلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆتكەن يەتتە يىللىق باستۇرۇش جەريانىدا خۇلاسىلەپ چىققان سىياسەتلەرنىڭ «مۇتلەق توغرا» بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىدى. ھالبۇكى، بۇ باش ماقالىدىكى ئاساسلىق ئىدىيە بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 12-ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىمزاسىدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئۆگىنىش ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا يەنە بىر قېتىم شەرھىلەپ ئۆتۈلگەن ئىدى.
«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەمىلىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ بايلىق قېزىش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ!»
ما شىڭرۇي ئۆزىنىڭ ئوبزور ماقالىسىدە تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، ئەركىن تۇنىيازمۇ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ بابىنى زور كۈچ بىلەن يېزىپ چىقايلى» سەرلەۋھىلىك ئوبزورىدا «خۇددى باش سېكرېتار شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشتەك باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا بىز ئالدى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا بۇ ئىستراتېگىيەنى تۈپلۈك ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك يوسۇندا ئىجرا قىلىشقا شارائىت يارىتىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەركىن تۇنىياز بۇ جايدىكى «يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايىنىش نۇقتىسى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، رايون تەۋەسىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلغان زامانىۋى كەسپ قۇرۇلمىسى ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «سەككىز كەسپ توپى» نى بەرپا قىلىش، نېفىت-خىمىيە، سىلىكون ماتېرىياللىرى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر سىستېمىسى، كۆمۈرسازلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بۇنىڭدىكى غول تارماقلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەركىن تۇنىيازنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدە بۇ ساھەنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئوخشاش كەسپلەر بويىچە 40 پىرسەنتتىن يۇقۇرى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم كاپالەت رايونى بولغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت قېزىش، كۆمۈر قېزىش، تەبىئىي گاز قېزىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىلا كۆلەم ۋە مىقدار جەھەتتە بىر قاتلانغان.
ئەركىن تۇنىيازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش»، «غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش»، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يۆتكەش» نامىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەركىزىي ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداش بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئەركىن تۇنىياز مانا مۇشۇ خىلدىكى «يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ «2022-يىلى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يۆتكەشتە 80 مىليون توننا كۆمۈر يۆتكەلدى؛ توكىنى سىرتقا يۆتكەش قۇرۇلۇشىدا 124 مىليارد كىلوۋات توك يۆتكەلدى؛ نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى يۆتكەشتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچىلىك قولغا كەلتۈرۈلدى؛ غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەشتە 65 مىليارد كۇپمېتىر گاز يۆتكەلدى» دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل زامانىۋىي تۈس ئالغان «بايلىق قېزىش» ھەركىتىنى «يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» دەپ تەسۋىرلىشى ھەققدە سۆز بولغاندا «سىياسىي خەتەر ژورنىلى» نىڭ ساھىبى، دوكتۇر ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇنىڭ ئەمىلىيەتتە «تەرەققىيات» گۈللىرى بىلەن نىقاپلانغان ئىقتىسادىي تالان-تاراجدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
«خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭنى ئۆز مەقسىدى ئۈچۈنلا، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى بەزى شەيئىلەر ئۈچۈنلا ‹تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ›. بۇ خىل ‹تەرەققىيات›نى شىنجاڭدىكى باشقا تەركىبلەر ئۈچۈن قوللىنىشقا بولمايدۇ، يەنە كېلىپ شىنجاڭدىكى باشقا تەركىبلەر خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى بايلىق قېزىش ئىشلىرى ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان تەرەققىيات ئەمەلىيەتتە بايلىق قېزىش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىر تەبىئىي بايلىقلارنى، يېزا ئىگىلىك بايلىقلىرىنى قېزىشنى جىددىي داۋام قىلماقتا. ئەپسۇسكى، سىزنىڭمۇ ياخشى خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلق، بولۇپمۇ تۈركىي خەلقلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ھازىر بۇ خىل بايلىق قېزىش شەكلىدىكى تەرەققىياتنىڭ ‹توسالغۇلىرى› بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ياكى بولمىسا ئۇلار ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مانا بۇ بېيجىڭ دەۋاتقان تەرەققىياتتۇر، شۇنداقلا خىتايلارنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۆزلىگەن تەرەققىياتتۇر.»
ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «دۆلەت ئىچىگە قارىتا زور ئوبوروتنى كۈچەيتىپ، تاشقىي جەھەتتىكى ئوبوروتنى يۈكسەلدۈرۈش» ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇئەييەن ئېكىسپورت قىيىنچىلىقى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا، بۇنداق بىر كۆرسەتمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەرۋەقە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما ئەركىن تۇنىياز ماقالىسىدە بۇ ھالنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن ئەگەشتى» دەپ كۆرساتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر رايوننىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى پەۋقۇلئاددە ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ «شىنجاڭنى ئومۇمىيۈزلۈك سوستىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى كۆۋرۈككە ئايلاندۇرۇش، بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق ياۋرو-ئاسىياغا ۋە غەرپكە كېڭەيگەن تەرەققىيات مېخانىزىمىنى يارىتىش» لازىملىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى كۆزقارىشى ھەققىدە ما شىڭرۇيمۇ ئۆز ماقالىسىدا ئايرىم توختالغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور ئىشىغا بېرىپ چېتىلىدۇ» دېگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر مەنتىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
«خىتاينىڭ قانۇنچىلىق ھەققىدە سۆز قىلىشى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىشىشىدىن بىشارەت!»
نۆۋەتتە «سىياسىي كونتروللۇقتىكى بىر تىزىق مارجان» دەپ قارىلىۋاتقان ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ خۇنىڭ ۋە ما شىڭرۇينىڭ باش ماقالىلىرىدا بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ «داغدۇغىلىق قۇرۇلۇش» لارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان ھادىسە «قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» ھېساپلىنىدۇ. بۇ ھال بىردەك «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشتەك باش نىشاننىڭ ئاساسى» دېيىلىۋاتقان بولۇپ، ۋاڭ خۇنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ «باش نىشان» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ۋاڭ خۇنىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىلىرى ما شىڭرۇينىڭ ئوبزورىدىمۇ ئەينەن ئۇچرايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە بۇنى ھەممىلا ساھەگە ئومۇملاشتۇرۇش ماھىيەتتە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ھۇل تېشى» دېگەن. شۇنىڭدەك «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» تىكى مەركىزىي تېمىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ھال خىتاي زىيالىسى ۋاڭ لىشيوڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭدا تېرورلۇققا چېتىلىدىغانلارمۇ ئۇيغۇر، مۇقىملىقنى بۇزىدۇ، دەپ قارىلىدىغانلارمۇ ئۇيغۇر. چۈنكى خىتايلار ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىك ياكى تېرورلۇققا چېتىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» تېمىسىدا قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن كۆپلىگەن ھادىسىلەرنى «قانۇنسىز قىلمىش» قىلىپ بېكىتىۋېلىش، ئاندىن مۇشۇ بويىچە ئۇيغۇرلارنى «جازالاش»، شۇنىڭدەك «كوللېكتىپ ھالدا جازا ھۆكۈمنامىسى تارقىتىش» قاتارلىق قىلمىشلىرىنى كىشىلەرنىڭ يادىغا سالىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر ئاندېرس كور بۇنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
«شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەنلىك تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹كالتەك-چوماق بىلەن ئىدارە قىلىش› دېگىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشمۇ ئەمەس، دېموكراتىيەمۇ ئەمەس. ئەكسىچە پۈتۈنلەي ھاكىممۇتلەقلىق بويىچە ئىدارە قىلىش دېمەكتۇر. شۇنداقلا سېپى ئۆزىدىن لۈكچەكلىكتۇر. بىز بۇنى فاشىزىم، دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى فاشىزىمدا گىتلېر ياكى مۇسسولىننى قوللىغۇچى لۈكچەكلەر كوچىمۇ-كوچا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا تاڭغان. ھازىر شىنجاڭدىكى ئىشلار مۇشۇنىڭغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بولسا دېموكراتىيەنىڭ ئىپادىلىنىشى. ھازىر بىز شىنجاڭدا كومپارتىيە ئەزالىرى بولغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قەدەر تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىلدىكى ئېتنىك تازىلاشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھوجرا ئۆيلىرى، ئاشخانا ئۆيلىرى، شۇنداقلا مېھمانخانا ئۆيلىرىگە قەدەر ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. شۇڭا بۇنى دېموكراتىيە ئۆلچىمىدىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، دېيەلمەيمىز. بۇ پەقەت لۈكچەكلىكتۇر».
«قانۇن ئارقىلىق شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» ئىدىيىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئوبزورىدىمۇ خۇددى شۇ تەرىقىدە تەكرارلانغان بولۇپ، بۇنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى بىر مۇھىم كاپالەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» بولسا «نۆۋەتتىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتەك باش ۋەزىپىنىڭ كاپالىتى» بولۇپلا قالماستىن «ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك» ئورنىتىشنىڭ تۈپلۈك، ھۇللۇق، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك شەكىل ئېلىشىدىكى مۇھىم ۋاستە. ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ سۆزلىرى نۆۋەتتىكى «مۇقىملىق» تەدبىرىگە مەركەزلەشكەن «قانۇنچىلىق» تەدبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەل شەكىل ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادە قىلغان. ئەمما ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنىياز بىردەك قانۇنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭمۇ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە مۇتلەق بويۇسۇنۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان. بۇ خىلدىكى «پارتىيەنىڭ نازارىتى» دە بولىدىغان قانۇنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرى شاجاۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇ يەردە «قانۇن» نىڭ خاراكتېرى ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«شۇنداق. مېنىڭچە كىمنىڭ قانۇنى بويىچە ئىدارە قىلىش بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. چۈنكى قانۇن ئادەتتە جەزمەن سىياسىدىن خالىي بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر قانۇننىڭ ئالدىدا باراۋەر بولۇشى لازىم. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى قانۇن مېخانىزىمىغا قارىتا بەكمۇ قاتتىق بولغان كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان. بۇ ھال ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. ئۇنداقتا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئېنىقكى، بۇ سىياسىي كونتروللۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھېچقانداق باراۋەرلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى بىراۋنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ياكى پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى مەۋجۇت سىياسىي سىستېما بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇ كىشىنى نەس باسىدۇ. ھازىر سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي مەسىلە دەل مۇشۇنىڭدا ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا. شۇڭا ما شىڭرۇينىڭ ‹قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش› دېگىنى خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ھاكىممۇتلەقلىقتىن باشقا ھېچقانداق رول ئوينىمايدۇ».
ما شىڭرۇينىڭ ئوبزورىدا بۇ خىلدىكى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نى ئۆز نۆۋىتىدە «شىنجاڭغا چېتىشلىق چەت ئەل كۈچلىرى» بىلەن بولغان كۈرەشكىمۇ تەدبىقلاش ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاينى قىسماققا ئېلىش سۈيىقەستىنى بىت-چىت قىلىش» تىكى قانۇنلۇق كۈرەش ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن.