ما شىڭرۈي ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.03
ma-xingrui-xoten-bashaqchi-zawa ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى باشاقچى يېزىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-مارت، خوتەن
ts.cn

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى «مۇقىملاشتۇرۇش» نى نىشان قىلغان كومپارتىيەنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ 7 يىل بولغان ۋە بۇ 7 يىل مابەينىدە ھېچقانداق «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، يەنىلا «مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەشكە باشلىماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي ئەمەلدارى ما شىڭرۈي ئۆتكەن ھەپتە ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى ئوبلاستى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بولۇپمۇ خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى داۋاملىق «ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش» ، «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى ئال سۈرۈشنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەم دائىمىيلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان.

2021-يىلى 12-ئايدا ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئالىي سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزىنىڭ نۇقتىلىق سىياسىتى قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىشىشى ھەم كۆلەملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ما شىڭرۈي، خوتەن ج خ تارماقلىرىغا قىلغان سۆزىدە ئاساسى قاتلاملاردىكى كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشنى تەكىتلىمەكتە.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ناھىيە ۋە يېزا-بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى ئۈنۈملۈك كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك» ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2023-يىلى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە توختاپ بۇ نۇقتىنى ئېنىق تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» ، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، ما شىڭرۈينىڭ خوتەن بىلەن غۇلجادا قىلغان سۆزلىرىدە پەرقلىق نۇقتىلارنى تەكىتلىگەنلىكى، ئۇنىڭ غۇلجادا قىلغان سۆزىنىڭ كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە «ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كارىدورى بىلەن غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك تۈگۈنىنىڭ يېڭى قىياپىتى» نى يارىتىشنى نۇقتا قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئىككى رايوندا پەرقلىق نۇقتىلارنى تەكىتلىشى، خىتاينىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ۋىلايەتلەرنى «مۇقىمسىزلىق ئامىلى» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سىياسەت تەتقىقاتچىسى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجامبەردى 2-ئاپرىل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ما شىڭرۈينىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقتىكى ۋىلايەتلەردە نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى يەنىلا «مۇقىمسىزلىق ئامىلى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەشقەر بىلەن خوتەن چوڭ تۇتقۇندا خىتاينىڭ نوپۇسنى «ئەلالاشتۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇشىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ نۇقتىلىق نىشانلىرىدىن بىرى بولغان.

زېنزنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتىدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2017-2018-يىللىرىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى 2016-يىلقىدىن 80 پىرسەنتتەك ئازايغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئۆكتىچى زىيالىيسى، ۋەزىيەت ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈي «شىنجاڭدا مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق «شىنجاڭدىكى مەسىلە مۇقىملىق مەسىلىسى ئەمەس» ئىكەن. يەنى مۇقىملىق پەقەت خىتاينىڭ مەزكۇر رايوننى تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر باھانەسى ئىكەن.

ما جۈ 2-ئاپرىل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى مەسىلە ئەزەلدىن مۇقىملىق مەسىلىسى بولغان ئەمەس. شىنجاڭ مەسىلىسى قانداق قىلىپ ھەر خىل باھانە، ھەر خىل ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقىنى تارايتىش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ تېز سۈرئەتتە خىتايلىشىشىنى ئالغا سۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ كەلدى. »

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ما شىڭرۈينىڭ خوتەندە يەنە ئاساسىي قاتلامغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى، چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا مەسىلىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاجىز ھالقىلاردا يۈز بېرىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ ساھەدە بوشلۇق قويماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كەنتلەردە ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسى قاتلامنىڭ باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، بىرىنچى قول پارتىيە سېكرېتارى ۋە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ رولىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەنت ئاھالىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش ئەمەلىي ئۈنۈمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ئىكەن.

ھالبۇكى، يەرلىك تاراتقۇلار كەنت سېكرېتارلىرى ۋە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، كەنت ئاھالىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش ئەمەلىي ئۈنۈمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتە قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

ما جۈ ئەپەندى، خوتەننىڭ يېزا-كەنلىرىدىكى پارتىيە سېكرېتارى ۋە خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كادىرلىرىغا مەركەزلىشىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن پاك-پاكىز تازىلاشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «كەنت سېكرېتارلىرىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتتە پارتىيەگە قەتئىي بويسۇنۇش دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ… ھالبۇكى، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىكى ھوقۇقنى پارتىيە كادىرلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشى، تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقنىڭ خىتاي كادىرلىرىغا توپلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ما شىڭرۈينىڭ كەنتلەردىكى پارتىيە سېكرېتارلىرىنىڭ رولى كۈچەيتىش دېگەن سۆزىنىڭ يادروسى. يەنە بىر جەھەتتىن كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنى رولىنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئىچىدە قېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى مەدەنىيەت قالدۇقلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق بارلىق مىراسلىرىنى تېز سۈرئەتتە پاك-پاكىز يوقىتىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ يەنە بىر يادرولۇق مەنىسى. »

ما شىڭرۈينىڭ غۇلجا بىلەن خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولۇشى، خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگۈسى 2-3 يىل ئىچىدە 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان. قازاقىستاندىكى سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ قايتا «مۇقىملىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن» ئورۇنغا قويۇشى، كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئۇ، غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھازىرقى كەسكىن ۋەزىيىتى كونترولدىن چىقىپ ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارقا سەپ تەمىنلەش بازىسى قىلىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىق «مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى» نى تۈگىتىپ، «مۇتلەق خاتىرجەملىك» كە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يەنىلا كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى «خاتىرجەمسىزلىك» نىڭ داۋاملىشىشى، ئىزچىل «مۇقىملىق» نى تەكىتلىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، ما شىڭرۈينىڭ خوتەندە قىلغان سۆزىنىڭ دىققەت قىلارلىق يەنە بىر نۇقتىسى، ئۇنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن چوڭ تىپلىق كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېچىشنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق يۆنىلىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلىش، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قاناللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى تەكىتلىشىدە بولغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خوتەندىكى «ۋەنجياڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى»، «شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى» ۋە «شىنجاڭ مېيشۈ توقۇمىچىلىك چەكلىك شىركىتى» دە تەكشۈرۈشتە بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدىن، بۇ شىركەتلەرنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى، «شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى» نىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي رايونىغا جايلاشقان پارنىكلىق كۆكتات بازىسىدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» دىن كېيىن بۇ بازىدا ئىشقا چۈشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ما جۈ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مېڭە يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىرلەشتۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سەرمايە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلماقتا ئىكەن. ما جۈ مۇنداق دېدى: «رايوندىكى جازا لاگېرلىرى قوشۇمچە ئەمگەك لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بارماقتا. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش نامىدا ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىرلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سەرمايە يېتىشمەسلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىمۇ ھەل قىلماقتا. مانا بۇ ئەمەلىيەت، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ شۇ. ئۇ سۆزىنى ئەگىتىپ قىلسىمۇ، ئەمما مەنىسى مۇشۇ بىرلا نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. »

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا، «جېيمىس توۋىن فوندى» تورىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، 2023-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىشى 38 پىرسەنت ئارتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئىشسىزلىقنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى» تېخىمۇ كۆلەملىشىپ، كىشىلەرنىڭ كىرىمى ۋە تۆۋەن مائاشلىق پۇقرالارنى تەقىبلەش كۈچەيگەن.

دوكلاتتا يەنە 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، رايوندىكى بەزى جايلاردا دېھقانلاردىن تارتىۋېلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن يەر-زېمىننىڭ 90 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. دوكتور زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقتىكى رايونلارنىڭ نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە ئورنىدا قوللانماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.