مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا شۆبە ئىشخانىسى ئېچىلدى.
بۇ شۆبىدە 15-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا شۆبە ئېچىلىشىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسىگە قاراشلىق سەفاكۆي رايونىدا ئون مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ تەسىرلىك ھالدا تۈركىيە سىياسىتىدە، تۈركىيە خەلق ئاممىسى ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقستىدە شۆبە ئىشخانىسى ئېچىلغانلىقىنى ۋە بۇ شۆبىگە سىراجىدىن كەرىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، ئاتاۋۇللا خەلپەت ھاجىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور شەۋكەت ناسىر قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سەفاكۆي شۆبىسىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم بۇ شۆبىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىشتا رول ئوينىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، ھازىر خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلىدىغان جىددىي بىر ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى خىتاي زېمىنىغا ئەبەدىيلىك قېتىۋېلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى دەۋا قىلىدىغان كىشىلەرنى تامامەن يوق قىلىۋېتىش تۇرىدىغانلىقىىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلقادىر ياپچان مۇنداق دېدى: «خىتاي بۈگۈن خەلقئارادا شۇنچىۋالا ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارانىڭ ھېچ قانداق گېپىگە پىسەنت قىلماي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى، ھاياتلىققا قارشى ئىشلەۋاتقان جىنايىتىنى كۈندىن كۈنگە ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، بۇ مىللەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى، كىملىكى، ۋىجدانى، مەدەنىيىتى، ئەقلى-مۈلكى، ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىق ھەممىگە ئوخشاش تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ».
ئىگىلىنىشىچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان.