ب د ت خوڭكوڭدىكى مائارىپ ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى تىلغا ئالمىغان

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2025.01.31
Farida-Shaheed.jpg ب د ت نىڭ مائارىپ ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئالاھىدە كومىسسارى فارىدا شاھىد ۋېنا خەلقئارا مەركىزىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2011-يىلى 15-ئاپرېل، شىۋېتسىيە.
AP Photo/Ronald Zak

ب د ت نىڭ مائارىپ ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئالاھىدە كومىسسارى فارىدا شاھىد «مائارىپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزسىز» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 30-يانۋار ئېلان قىلغان «ب د ت كومىسسارى 11 دۆلەتنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى، خوڭكوڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى سەۋەبلىك ئىلىم ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت كومىسسارى تىلغا ئالغان 11 دۆلەتنىڭ بىرسى ئىسرائىلىيە بولۇپ، ئىسرائىلىيە 625 مىڭ بالىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان. يەنە بىرسى ئۇرۇش ئىچىدىكى رۇسىيە بولغان.

فارىدا شاھىد «خەلقئارا مائارىپ كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنغان بۇ دوكلاتىدا خوڭكوڭدىكى مائارىپ ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئالاھىدە مىسالغا ئالغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» غا رىئايە قىلمىغان 71 نەپەر خوڭكوڭلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى، بۇ يىل يەنە 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ يېقىندا ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. بىراق ئۇ 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، نەچچە تۈمەنلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قامىغانلىقى، ئۇيغۇرلاردا «مائارىپ ھوقۇقى» دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن.

ئۈرۈمچىدە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار مائارىپ ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ باقمىغان. ئۇ سۆزىدە، ب د ت خادىمىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ ھوقۇقى ئاللىقاچان ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە زۇۋان سۈرمىگەنلىكىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فارىدا شاھىد ئۆز دوكلاتىدا ئىسرائىلىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە فىرانسىيەدىن باشقا يەنە پاكىستان، كولومبىيە، پاراگۋاي، ھايتى، كونگو، فىلىپپىن، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىچكى مالىمانچىلىقلار يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا، مەكتەپلىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ھەمدە تاقىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، مائارىپ ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان دۆلەت خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، ب د ت كومىسسارىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدە توختىلىپ، ھەتتا ئانا تىلىدا سۆزلەش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆزىنى يۇمۇۋېلىشى ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن.

دوكلاتتا ئىپادە قىلىشىچە، ھازىر خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلار ئىچىدە خىزمەتلىرىدىن ۋاز كېچىدىغان ياكى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» غا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغان ياكى خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈكرەك ئوقۇمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەنقىدلەرگە ئۇچراپ تۇرۇشى خوڭكوڭدا ئادەتتىكى مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ئايان بولغىنىدەك، 2017-2018-يىللىرى كوچىلارغا تۆكۈلۈپ نامايىش قىلغان خوڭكوڭلۇقلار «بۈگۈنكى شىنجاڭ _ ئەتىكى خوڭكوڭ!» دېگەندەك ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ شوئارلار توۋلاشقانىدى. بۈگۈنكى خوڭكوڭنىڭ بارا-بارا ئۇيغۇر دىيارىغا ئوخشاش ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.