«ئالتۇن بۆشۈك» تېخىمۇ كۆپ مېھىرلىك قوللارنىڭ تەۋرىتىشىگە موھتاج

0:00 / 0:00

چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يات مەدەنىيەت ۋە يات تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان ئەۋلادلىرىنى قانداق قىلغاندا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەش يەنى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقاتماسلىق، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئارزۇسىغا ئۇلارنىڭ تارقاق بولۇشىدەك ماكان ۋە زامان رىقابەت ياراتماقتا. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، چەتئەللەرگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتكە بولغان سۆيگۈ ۋە مەسئۇلىيىتى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ خالىس پىداكارلىق كۆرسىتىشىدە، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇيغۇر تىل مەكتەپ ۋە كۇرسلىرى مەيدانغا كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇل ۋاسىتىلىرىمۇ رەڭدارلاشماقتا، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان، بىر قانچە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ بار قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ «ئالتۇن بۆشۈك» نامىدىكى بالىلار پروگراممىسىنى تورلاردا تارقىتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرمەكتە.

يېقىندا youtube قاتارلىق تور بەتلەردە «ئالتۇن بۆشۈك» ناملىق سەھىپىلىك ئۇيغۇر سىن پروگراممىسى قويۇلۇپ «بالىلار نىڭ چۈچۈك ئانا تىلىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، ئۇلارنىڭ خاسلىققا ئىگە مەنىلىك پائالىيەتلىرى، پروگراممىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىشلىنىشى ئۇيغۇرلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى چەكتى ھەم سۆيۈندۈردى. بولۇپمۇ بۇ پروگراممىنىڭ چەتئەللەردە تۈرلۈك شارائىت چەكلىمىلىرى تۈپەيلى پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى سۆيۈندۈرگەنلىكى مەلۇم.

«ئالتۇن بۆشۈك» پروگراممىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمى تارقىتىلغاندىن كېيىن، پروگراممىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەشكىللەپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش، تەپەككۇر قىلىش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنى ئۈستۈرۈشنىڭ مېتود، تاكتىكىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئىنتايىن قىزىقارلىق فىلىم قىلىپ ئىشلەپ تور بەتلەرگە قويغان، سەھنە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلار بىلەن سىزلەرنى تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ميۇنخېن باشقا دۆلەت ۋە شەھەرلەرگە قارىغاندا ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر قەدەر توپلاشقان شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بىز ئالدى بىلەن مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى رىدا ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

مەمەت رىدا ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، بىز پروگراممىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بالىلارنى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن تەربىيىلەشتە خالىس كۈچ قوشۇۋاتقان مائارىپچى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن تونۇشتۇق.

ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن باش قوشۇشىغا سەۋەب بولغان ۋە يېقىنقى يىللاردا ميۇنخېندىكى تالانتلىق ئۇيغۇرلاردىن كارۋان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ «تەكلىماكاندا كۆمۈلگەن رىۋايەتلەر» نامىدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر نۇرنىسا خانىم، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلەشكە خالىس كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاپ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، نۇرنىسا خانىم، خالىسە خانىم، رىدا ئەپەندى ۋە ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆرۈش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، سەنئەت پروگراممىلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىمۇ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر بىلدۈردى.