دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخت دەل ئانا تىلدا سۆزلەشتۇر

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تارمىقى 1999-يىلى قارارنامە ماقۇللاپ، رەسمىي ھالدا ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئارقىلىق ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تىلى بار بولغان بارلىق خەلقلەر قاتارىدا «ئانا تىل كۈن» نى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بىر قۇت كۈنىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

«ئانا تىلنى سۆيۈش شوئار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي جاۋاب ھەم ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ» مەيلى مەكتەپتە ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىدىغانلار بولسۇن، مەيلى ئائىلىدە بالىلىرىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىدىغانلار بولسۇن ۋە ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش تەجرىبىلىرىنى ھەم ھېس قىلغانلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقاندا، بۇ جەھەتتە قىينىلىۋاتقان دوستلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئانا تىل ئۈچۈن ھەقىقىي ئىشتىن بىرنى قىلغان بولىمىز دەپ ئىشىنىمىز. شۇ ۋەجىدىن، بۈگۈنكى ئانا تىل ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزگە ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەجرىبىلىك سابىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، گېرمانىيەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيىسىگە كۈچ قېتىۋاتقان زىيالىيلاردىن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدۇق.

ئانا تىلىنىڭ قەدرىنى، ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى شۇ تىلنى يوقاتقانلار ياكى ئانا تىلى تەھدىتكە ئۇچرىغانلار شۇنچە جىددىي ھېس قىلسا، قەدرىنى بەكرەك تونۇپ يەتسە كېرەك، ئۇيغۇر تىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىستراتېگىيىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش سىياسەت سۈيىقەستلىرىدە بۈگۈنگە قەدەر، يوقىلىپ كەتمەي ساقلىنىپ كەلدى، ئەلۋەتتە ئۇزاق تارىختىن بۇيان تالاي ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ قانلىق كۈرەش بەدەللىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق، تىل كىشىلەرنىڭ ئالاقە قورالى، شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەلگىسى. ‍ئۇنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش، پەرزەنت تەربىيىسىدە ئانا تىل تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى-ئۇستاز جۈملىدىن جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچى ئابدۇۋەلى ئەپەندى بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە ئاساسلىق مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى : «بالىلارغا تىل تەربىيىسى بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىشتىن باشلاپ، ئاندىن ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئانا تىل ھەر قانداق ئانا تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر بالا ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرىشىدىغان، ئۆگىنىدىغان ۋە ئىگىلەيدىغان تىل. ئادەم ئالدى بىلەن ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلى ئاساس قىلىنىدىغان تەربىيە شەكلى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئويغىتىشقا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىسپاتتۇر. بىز ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بىلەن خىتاي تىلىدا سۆزلەش، تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەقلى، جىسمانىي، روھىي جەھەتلەردە ئۈسۈپ يېتىلىشىگە قانداق يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۈزىمىز بىلەن كۆردۇق. ئۆز ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق، ھېس قىلدۇق. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئىككى يىل مۇنتىزىم خىتاي تىلىدا تەربىيىلەشنى 100% گە يەتكۈزۈشكە كۈچ ۋە تەدبىر قوللانماقتا. بالىلار ئادەتتە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئەتراپىدىكى ئانا تىل-مەدەنىيەت مۇھىتىدا دۇنيانى بىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇقۇم ۋە قىممەت سىستېمىسىنى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەيدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا بالىلارنى ئانا تىلنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەندە بالىلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ئىقتىدارى چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ شۇنداقلا ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىمۇ بىۋاسىتە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئانا تىلنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنتۇش ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ قايسى مىللەت، قايسى مەدەنىيەت توپىغا تەۋەلىكىنى، قانداق ئۆرپ-ئادەتلەرگە ‍ئىگە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيدىغان، يەنى ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملاشقاندا، ئانا تىلنىڭ يوقاپ كېتىشىنىمۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا باشقا تىللارغا ھەرقانچە پىششىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆز تىلىمىزنى ‍ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئۇنى ھەرقانداق ساھەدە ‍ئومۇملاشتۇرۇپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك.»

ئانا تىل دەرسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا قوشۇمچە بىر پەن قاتارىغا چۈشۈپ قېلىشى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مائارىپ ھەمدە دەسلەپكى مائارىپ باسقۇچلىرىدا روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

تىل-ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى. تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارغا تىل قورالىدىن ئۈنۈملۈك، ئىلمىي پايدىلىنىشنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ۋە پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئابدۇۋەلى ئەپەندى تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل سەنئىتىدىن قانداق پايدىلانغاندا ئازغىنە بولغان ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرسخانىدا قېلىپلاشقان دەرسلىكلەردىنمۇ باشقا بىلىملەرگە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى: «قوش تىللىق مائارىپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، مەخسۇس ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قېلىپلاشقان دەرسلىكلەرگە مەجبۇرىي باغلاندى، چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى ۋە ئۇچرىماقتا. تىللارنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، سەرگۈزەشتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان. تىل يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، تىلنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىياتچىلىقىمىزمۇ ئېغىر چېكىنىشكە دۇچ كەلدى. شۇڭا تىلنى قوغداش بىرلا خىل شەكىل ياكى ئۇسۇلغا ئەمەس، بەلكى كۈپ ساھەلەر بويىچە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ،خۇددى تەبىئەت ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش زور كۈچ بىلەن قوغداشقا موھتاج. ئوقۇغۇچىلارغىمۇ پەقەت ئانا تىل دەرسدىلا ئەمەس، ئۆز ‏-ئارا ئالاقىدە، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ۋە ياكى مەدەنىيەت تاراتقۇ ساھەلىرىدە، ئىنتېرنېت بوشلۇقى شۇنداقلا ئادەتتە ئانا تىلنى قوللىنىش، ئۇيغۇرچە كىتاب، ژۇرناللارنى كۆرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىزچىل تەكىتلەش لازىم، شۇ ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى ئىزچىل قوللىنىشچانلىققا ئىگە قىلىشىمىز، بېيىتىشىمىز، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.»

مائارىپچىلار بولسۇن، تىلشۇناسلار بولسۇن، ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىش ھەم شۇ ئاساستا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىق يەكۈنلىگەن. ھازىر تەتقىقاتچىلار «تىل پىكىر قىلىش قورالى بولغانلىقتىن، ئانا تىل ئاساسى پۇختا بولغاندىلا ئېنىق ۋە كۈچلۈك پىكىر قىلغىلى، ئىككىنچى تىلنى ئاسانراق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى تىلنى ئوبدان ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش لازىم» دەپ قارىماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىغا بولغان تونۇش، كۆڭۈل بولۇش يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ قەدەم قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى ياراتقان رىقابەتلەرگە قارشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئانا تىل سىنىپلىرىنى ئېچىپ چەتئەل تىللىرى ئانا تىلى بولۇپ قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت. شۇڭا بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش ئەمەس. يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ كىملىك تەربىيىسىدە گاڭگىراپ قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپ، پىكىرلىرىگە قىزىقسىڭىز، كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدىن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلىڭ.