ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: ئانا تىل شۇ ئانا ۋەتەننىڭ بىر قىسمى ئىكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.02.24
abduweli-tursun-305.jpg ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. 2011-يىلى 18-ئىيۇن.
RFA/Erkin Tarim


مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياد ئەللەردىكى باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مىللى كىملىكنى ساقلاشتا ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، تۈرلۈك شەكىللەردە ئانا تىل تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشماقتا.

ئەمما ھازىرغىچە ئېچىلغان مەيلى ئائىلە ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە ياكى ئانا تىل كۇرسلىرى بولسۇن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئاساسەن بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە، تەجرىبىلىك تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىگە قىززىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئانا تىل سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىغا ئىشتىراك قىلىڭ.

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى ئانا تىل سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۆز تىلىدا سۆزلەشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى «ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئانا تىل مۇھىتىدىن ئايرىلىپ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بىلدۇقكى ئانا تىل، ئانا ۋەتەن بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. ئانا تىل شۇ ۋەتەننىڭ بىر قىسمى ئىكەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى ھەر قايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئېچىۋاتقان ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ، شارائىت چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ئانا تىلدىن ئېلىپبە ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچنى بىر يەرگە توپلاپ تور مەكتىپى قۇرۇش تەك بىر تەكلىپنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، «بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەيلى قايسى ئەلدە قايسى خىل تىل مۇھىتىدا ياشىمىسۇن، ماكان زامان چەكلىمىلىرىنى يېڭىپ پەرزەنتلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلالايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا تىل قورالىدىن ئۈنۈملۈك، ئىلمىي پايدىلىنىشنىڭ قائىدە - قانۇنىيەتلىرىنى ۋە پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق ۋە تەپەككۇر قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتەك كۆپ خىل ئۇنۇم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردەك «باشقا تىللارغا ھەرقانچە پىششىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆز تىلىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئۇنى ھەرقانداق ساھەدە ئومۇملاشتۇرۇپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك» دېگەن قاراشتا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كۆڭۈل بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ساھىب چىقىش، ھەر بىر ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدىغان كىشىنىڭ بۇرچى ۋە شەرىپى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا, بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىغا بولغان تونۇش، كۆڭۈل بولۇش يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ قەدەم قويدى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.