ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئانا تىل يەسلىسىدە 120 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس باشلىدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي رايونلىرىغا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى مەكتەپلىرىدە يېقىندا ئىككىنچى مەۋسۇملۇق دەرس باشلانغان بولۇپ، بۇ مەۋسۇم 4 ‏ ياشتىن 6 ‏ ياشقىچە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 120 نەپەر ئوقۇغۇچى دەرسكە قاتناشتى.

بۇ مەۋسۇمدا ئۆتكەن مەۋسۇمغا قارىغاندا 20 ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى 3 ئورۇندا ئېچىلغان يەسلى سىنىپلىرىدا ھازىر ئۆتىلىدىغان دەرس پروگراممىلىرى ئاساسلىقى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەش، ئادەتتىكى سانلارنى ساناش ۋە ھېسابلاش، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياخشى تونۇشۇش قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇھىم نۇقتا، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىسلام دىنىدىن مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ساۋاتىنى چىقىرىشتىن ئىبارەت.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا ئانا تىل يەسلىلىرى ئاچقان ئىدى. ھازىر دۇنيانىڭ قەيەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان كۆپىنچە يەرلەردە ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى شەھەر، ناھىيە، يېزا بازار، كەنت، مەھەللىلەردە قوش تىللىق يەسلى مەكتەپلەرنى كۆپلەپ تەسىس قىلغان. بۇ يەسلىلەردە ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىدىكەن. پەرزەنتلىرىنى بۇ مەكتەپلەرگە بېرىشنى خالىمىغان ئائىلىلەرگە پۇل جازاسى قويۇپ، پەرزەنتلىرىنى يەسلىگە بېرىشكە مەجبۇرلايدىكەن.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قوش تىللىق يەسلى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايون، ناھىيە، يېزا-كەنت ۋە مەھەللىلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى خىتاي تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن 1470 دانە يەسلى مەكتەپ قۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل يەسلىلەرنى تېخىمۇ كۆپ سېلىش ئۈچۈن يېقىندا 2مىليارد 95 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 85% ئۇيغۇر پەرزەنتىنى بۇ خىل يەسلىدە خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان.

بىز، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇنەۋۋەر خانىم، 2007-يىلدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان بۇ يەسلىلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقى، ھازىر بۇ يەسلىلەردە 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى دەرس ئوقۇۋاتقانلىقى، بۇ يەسلىلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس باشلىغاندا دەرستە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يەسلىگە جەم قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، پات-پات ئاتا-ئانىلارنىمۇ يىغىپ سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق، ئىستانبۇلدا بىر-بىرى بىلەن تونۇشماي ياشايدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ تونۇشۇشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.