ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئانا تىلدا يەسلى قۇرۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن پەيدا قىلىنغان توسالغۇلار كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتۇپ تەھدىت سېلىش، ئۇيغۇر يەسلىلىرىنى تاقاش، يىغىلىشلارنى مېنى قىلىش چارىلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، «ئانا تىل ئىنقىلابى» نى توسۇپ قالالمىغان ئىدى.
خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى 2013-يىلى فېۋرال ئېيىدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا ئانا تىل يەسلىلىرىنى قۇرماقچى بولغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ يېتەكچىلىكىدىكى زىيالىيلارنىڭ يەسلى قۇرۇش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى توردا ئاشكارىلىماسلىقىنى ھەمدە باغداش تورىنىڭ ئانا تىل يەسلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ، باسقان ھەربىر قەدەملىرى توغرىسىدا ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۇدۇللۇق مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. نەتىجىدە، ئانا تىل يەسلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قولى بىلەن ئۈچ قېتىم چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ۋە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلار خىتاي قانۇنىنى قورال قىلىپ قارشى تۇرۇپ، ھەممە ئىشتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ھەقىقەتنى يوشۇرماسلىق پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچمىدى.
باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا بايان قىلىنىشىچە، 2013-يىلى 13-مارت كۈنى مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەد سىدىق قاتارلىق ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان زىيالىيلار ئۈرۈمچىدىكى باباخان تاماقخانىسىغا يىغىلىپ، ئانا تىل شىركىتى نامىدىن 19-مارت كۈنى «ئۇيسۇن رېستورانى» دا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز زىيالىيلىرىنى چاقىرىپ «نورۇز داستىخىنىدا ئانا تىل زىياپىتى» ناملىق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدى ھەمدە ج خ ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئۈچ مىللەتنىڭ زىيالىيلىرىغا باغاق ئەۋەتتى. بىراق، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالدىن ئىجازەت بەرگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەدەنىيەت-مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەكبەر، پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا توساتتىن گېپىدىن يېنىۋېلىپ، «نورۇز داستىخىنىدا ئانا تىل زىياپىتى»نى ئەمەلدىن قالدۇردى. 19-مارت كۈنى كۈنى يەنە مۇھەممەد سىدىق ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپلار خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن «چاي ئىچىش» نىقابىدا تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر كۈن سوراق قىلىندى. بۇ قېتىمقى سوراق ئىشلىرىغا قەشقەر ساقچى دائىرىلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. بۇ ھەقتە «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا ئەينەن ھالدا شۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
-ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەدەنىيەت-مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەكبەر چاقىرىلغان مېھمانلارغا تېلېفون ئۇرۇش، ئۇلارنى قازاق رېستورانىغا بېرىشتىن توسۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، پائالىيەتنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇ كۈنى نەق مەيدانغا ساقچىلار توشۇپ كەتتى. گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ۋە ئانا تىل شىركىتىنىڭ مەسئۇلى (مۇھەممەد سىدىق) لارغا مەجبۇرىي «چاي» ئىچۈرۈلدى. قازاق مېھمانلارنى چاقىرىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن دومانغا ئېغىر تەھدىت سېلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر، قازاق تەشكىللىگۈچىلەر ئارىسىغا قەستەن زىددىيەت ئۇرۇقىنى چاچتى.
ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىدىن بىرى ئانا تىلدا يەسلى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بولسا، يەنە بىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرى ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىدى. «نورۇز داستىخىنىدا ئانا تىل زىياپىتى»نىڭ رىياسەتچىسى ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلماقچى بولغان مېھمانلارنى قارشى ئېلىشقا تۆۋەندىكى سۆزلەر ھازىرلانغان:
-ھۆرمەتلىك قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ئۇستازلار، ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
نورۇز بايرىمى دۇنيادا ھەر مىللەت خەلقى تەرىپىدىن تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتقان، مىللەت چېگراسىدىن ھالقىغان كاتتا بايرام بولغاچقا، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ئالىملار، زىيالىيلار، يازغۇچىلار ۋە ئاددىي ئادەملەر شىنجاڭ ئانا تىل خەلقئارالىق سودا شىركىتىنىڭ داستىخان سېلىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. ھەممىمىز بىلىمىز، نورۇز ئىتتىپاقلىق بايرىمى، ئۆچ-ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، ئىناقلىق تەكىتلىنىدىغان بايرام. شۇنداق ئىكەن، ھەر يىلى ئانا تىل شىركىتىلا ئەمەس، باشقا شىركەتلەرمۇ بۇنداق بىرلەشمە نورۇز تەشكىللىسە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ھەر تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرسا، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرسا دەيدىغان ئۈمىد بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز بىرلەشمە نورۇز داستىخىنىمىزغا سىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق.
«ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا يەنە، 19-مارت كۈنى قازاقلار تەرىپىدىن ئېچىلغان «ئۇيسۇن رېستورانى»دا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىرلەشمە نورۇز پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپلا قالماي، بالىلار باغچىسىغا يەر بەرمەكچى بولغان سابىق ئاقىللار مەكتىپىنىڭ، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن يەر بېرىشتىن يېنىۋالغانلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خادىمى ئەكبەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلاشقان قازاق زىيالىيسى دومانغا «ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان» دېگەن بۆھتاننى چاپلىغانلىقى، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باغاقلىرىنى يىغىۋالغانلىقى، تېلېفوندا تەھدىت سالغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ ئارىسىغا قەستەن زىددىيەت ئۇرۇقىنى چاچقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مەلۇمكى، دەل شۇ 19-مارت كۈنى يەنە، مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قەشقەردە قۇرغان «نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى» قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسلىسىنى خىتاي دائىرىلىرى «رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەس» دېگەن نامدا رەسمىي تاقىۋەتتى. بۇنىڭدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىنى قورال قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قوزغاۋاتقان ئانا تىل مەكتەپلىرى تەشەببۇسى مەسىلىسىدە قانۇننى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى جازالاشتا تۇنجى قېتىم قەتئىي بىر قارارغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىدى. بۇ كۈنى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ «چاي ئىچىپ كېلىش» باھانىسىدە سوراق-سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەتىسى، يەنى 20-مارت كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15:12:14 ئۆتكەندە باغداش تورىدا تۆۋەندىكى يازمىسىنى ئېلان قىلدى:
-بىر ئاددىي پۇقرا ئۈچۈن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە سەپ ھاسىل قىلىپ ھېساب ئېلىش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ سورىغىنىنى دەپ بەردىم، سورىمىغاننىمۇ دەپ بەردىم... مەندە دېمىگۈدەك نېمە بار؟ يوشۇرغۇدەك نېمە بار؟ بالىلارنى ئوقۇسۇن دېدىم، بالامنى مەندەك ئۇيغۇر بولسۇن دېدىم، ئاللاھ بەرگەن بالامنى ساۋاتسىز قالمىسۇن، بالىلارنى جاھالەتكە يەم بولمىسۇن دەپ، مەكتەپ قۇراي دېدىم. پاھىشىخانا ئاچقان بولسام خوش بولامتىڭ؟ قىمارخانا ئاچسام مۇشۇنداق چاي ئىچۈرەرمىدىڭ؟ يېزىۋاتىمەن، يازالمايۋاتىمەن... نەچچە مىڭ يىللىق نورۇز كىمنىڭ نەرىگە تاقاشتى؟ باج تۆلەۋاتقان بۇ ناتىۋان خەلقنىڭ خۇشاللىقى قايسىڭنىڭ نەرىگە پۇتلاشتى؟ قىلما دېدىڭ، ماقۇل دېدۇق، جىم بولدۇق، ھىجىيىپ ئولتۇردۇق... يەنە نېمە گەپ؟ بىر كۈننىڭ ئىچىدە نورۇز قىلىدىغان رېستوران يېنىۋالدى، مەكتەپ قۇرىدىغان ئورۇن يېنىۋالدى... قىلدۇرۇلمىدۇق... مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، كىم بىزگە مەكتەپكە يەر بېرىدۇ، كىم بىزنىڭ مەكتەپتە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتىدۇ، مۇشۇنداق كەينىمىزدىن سوكۇلداپ يۈرۈشسەڭ!
ئەزىز قېرىنداشلار، «ئانا تىل ئىنقىلابى» غا يول ئاچقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل، مۇھەممەد سىدىق ئەپەندىلەرنىڭ ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ھەل قىلىشتا قانۇنسىز ئىئانە يىغىشقا ئەمەس، بەلكى ئاشكارا پاي قوشۇشقا، مەھسۇلات سېتىشقا، خالىس ياردەمگە تايانغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.