ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يەسلىلىرىدە ئانا تىل ۋە دىن تەربىيەسى چىڭ تۇتۇلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.01.27
istanbul-uyghur-yesli-2015.jpg ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يەسلىسى
RFA/Arslan


ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر يەسلىلىرىدە ئوقۇۋاتقان غۇنچىلارغا دىن ۋە ئۇيغۇر ئاتا تىل تەربىيەسىنىڭ پۇختا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئالدىنقىنى كۈنى مەزكۇر يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرگە قىشلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن شاھادەتنامە تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر يەسلىدە ئوقۇۋاتقان 90 نەپەر ئۆسمۈرلەر ھەر ھەپتىدە بەش كۈن تولۇق تەلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا شاھادەتنامە تارقىتىلدى ۋە قىشلىق تەتىلگە قويۇۋېتىلدى.

سېنتەبىردىن باشلاپ زەيتىنبۇرنۇدىكى يەسلىگە ئوقۇشقا كىرگەن 4تۆت ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 90دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى بىر مەۋسۇم ئانا تىل، دىنىي دەرسلەر، ئەدەپ - ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت توغرىسىدا تەلىم ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 22 - يانۋار كۈنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.

تەتىلگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىر مەۋسۇم جەريانىدا قۇرئان ۋە ئانا تىل دەرسلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى سۈرە ۋە شېئىر - نەزملەر ئارقىلىق نامايان قىلىپ، ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئورۇنلانغان نومۇرلاردىن كېيىن يېرىم يىل ئىچىدە ئۆگەنگەن قۇرئان ۋە باشقا دىن ئەخلاق دەرسلىرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا بېرىلگەن شاھادەتنامىلىرىنى ئالغان كىچىك ئوقۇغۇچىلار ئانىلىرىنىڭ تەبرىكلەش ۋە سۆيۈنۈشلىرى ئىچىدە كېلەركى مەۋسۇملۇق ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا ۋە ياخشى تىلەكلەر ئىچىدە خۇشال - خۇرام ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

سافاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر يەسلىسىدىمۇ 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.

بىز بۇ ئۇيغۇر يەسلىلەر توغرىسىدا يەسلىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.