تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرزىيەت بۆلۈمى: «ۋەتەندىشىمىز مەمەتئەلى قەشقەرلى ھەققىدە خىتايغا 9 قېتىم نوتا تاپشۇردۇق، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.04.01
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرزىيەت بۆلۈمى: «ۋەتەندىشىمىز مەمەتئەلى قەشقەرلى ھەققىدە خىتايغا 9 قېتىم نوتا تاپشۇردۇق، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق» 17-مارت كۈنى پەيزىۋاتتىكىسى قالغاچبىنام تۈرمىسىدە مەخپىي سوتلانغان تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلى ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Photo: RFA

ئاشكارىلىنىشىچە، مارت ئېيىدا قەشقەر پەيزىۋاتتىكى قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغان تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلى ھەققىدە تۈركىيە دائىرىلىرى خىتاي تەرەپكە ئاز دېگەندە 9 قېتىم نوتا تاپشۇرغان، ئەمما ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. بۇ ئۇچۇر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرزىيەت بۆلۈمى تەرىپىدىن مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىنىسى ئەخمەت قەشقەرلىگە بەرگەن جاۋاب خېتىدە تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ تۈرمىدە مەخپىي سوتلانغانلىقىنى رادىيومىزدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن ئۇققان.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرزىيەت بۆلۈمىنىڭ مەمەتئەلى قەشقەرلى ھەققىدە خۇلاسە قارارى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە پەيزىۋاتتىكى قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغان تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىنىسى ئەخمەت قەشقەرلى، ئاكىسى تۇتقۇن قىلىنغان 4 يىلدىن بۇيان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا 23 قېتىم خەت يازغان. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئىككى قېتىم ياردەم ئىلتىماسى سۇنغان. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ قاتارلىق ئون نەچچىلىگەن دۆلەت ئەربابى بىلەن كۆرۈشكەن. دىيىلىشىچە، ئەخمەت قەشقەرلى بارغانلا يېرىدە قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان، يازغان خەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە جاۋاب تاپشۇرۇۋالغان، بېرىلگەن جاۋابلاردا دائىرىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئىزچىل قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ئېنىق جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەت قەشقەرلى ئاكىسى مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى 3كۈن كېيىن خەۋەر تاپقان ۋە شۇ كۈنىلا ئەھۋالنى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلغان. ئەلچىخانا خادىملىرى بىر ھەپتىدىن كېيىن مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ «تېررورلۇققا ياردەم بېرىش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەخمەت قەشقەرلىگە تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرغان. ئەلچىخانا خادىمى شۇ قېتىمقى سۆزىدە ئىككى دۆلەت كېلىشىمى بويىچە مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ سوتىغا ئۆزلىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ۋە سوت جەريانىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر ھەقسىزلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتى ئەلچىخانا دېگەندەك ياكى كۈتكەندەك بولمىغان.

قولىمىزدىكى خىتاي سوت ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتئەلى قەشقەرلى قەشقەر ۋىلايەترلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن2017-يىلى7-ئاينىڭ31-كۈنى سوتلانغان ۋە 15 يىللىق كېسىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت قەشقەر ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىنى2018-يىلى 1-ئايدا بىكار قىلىپ، دېلوغا قايتا قاراشنى بۇيرۇغان. ئەخمەت قەشقەرلى بىلەن تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئارىسىدا يېزىشىلغان خەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەلچىخانا يۇقىرىقى سوت جەريانلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. ئەلچىخانا پەقەت 2018-يىل 2-ئايدا بىر قېتىمئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدىن مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىلا ئۇچۇر ئالغان، ئەمما ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئالالمىغان.

تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئەخمەت قەشقەرلىگە يازغان جاۋاب خەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەلچىخانا خىتاي تەرەپتىن مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ سالامەتلىكى ۋە دېلوسىنىڭ قەدەم باسقۇچى ھەققىدە خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىدىن ئىزچىل مەلۇمات سورىغان ۋە مەمەتئەلى بىلەن كۆرۈشۈشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان. تەلەپلەر ھەم يازما ھەم ئاغزاكى شەكىلدە يەتكۈزۈلگەن، ئەمما جاۋابسىز قالغان.

ئەخمەت قەشقەرلى تاپشۇرۇۋالغان خەتلەر ئارىسىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرزىيەت بۆلۈمىنىڭمۇ بىر جاۋاب خېتى بار بولۇپ، بۇ خەتتە مەمەتئەلى قەشقەرلى ھەققىدە خىتاي تەرەپكە 9 قېتىم نوتا تاپشۇرۇلغانلىقى، ئەمما ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەسكەرتىلىشىچە، مەزكۇر خەتلەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلگەن. ئەخمەت قەشقەرلى مەجلىس ئەرزىيەت بۆلۈمىنىڭ مەزكىرى خېتىنى 2019‏-يىل 2‏-ئايدا تاپشۇرۇۋالغان.

خەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تەرەپ خىتايغا 9 قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىنمۇ، مەمەتئەلى ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمىغان. ئەلچىخانا2020-يىلى12-ئايدا خىتاي تەرەپتىن بىر قېتىم جاۋابقا ئېرىشكەن. بۇ جاۋابتا مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ۋە پات يېقىندا سوتى ئېچىلىدىغانلىقى ۋە سوتتىن ئەلچىخانىنىڭ خەۋەرلەندۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما مەزكۇر سوت ئۆتكەن ئاينىڭ17-كۈنى پەيزىۋاتتا ئېچىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا خەۋەر بېرىلمىگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەمەتئەلى قەشقەرلى سوت كۈنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەئىپلەشكەن ھالەتتە كۆرۈلگەن. دېمەك، خىتاي تەرەپ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا بەرگەن جاۋابىدا پۈتۈنلەي يالغان ئۇچۇر بەرگەن. ئەلچىخانا مەزكۇر سوت خەۋىرىنى بۇ خەۋەر رادىيومىزدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەخمەت قەشقەرلى ئارقىلىق ئۇققان.

بىز تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە مەزكۇر سوتنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم ئۆزىنىڭ دېلودىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما مەسئۇل خادىمنىڭ ئىشخانىدا يوقلۇقىنى بايان قىلدى ۋە سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

يۇقىرىدا تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلى ھەققىدە تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تەرەپكە 9 قېتىم نوتا تاپشۇرغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.