قانداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىمىزدە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

0:00 / 0:00


مەلۇمكى، بالىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىپ يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىلىرىنىڭ قاتارىدا ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا كىتابنى سۆيدۈرۈش ۋەزىپىسىمۇ بار. چۈنكى بالىلار كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى ئاتا - ئانىلاردىن بىۋاسىتە ئۆگىنىدۇ.

قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ دېگەن ماۋزۇدا، مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدە شەرىئەت ئىلىملىرى ساھەسىدە ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان ۋە ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە دىكتورلۇق قىلىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئابدۇكېرىم ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. تۆۋەندە، ئابدۇلئەھەد ئابدۇكېرىم ئۇجات ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇكېرىم ھاجىم قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:«ئەگەر كىچىك بالىلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ياكى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان بولساق، بۇنىڭ بىر قانچە يوللىرى بولۇپ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىللارنى زىكىر قىلىش كۇپايە قىلىمىز:

1 - ئائىلە بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئائىلە بولۇش.

يەنى بالىنىڭ خاراكتېرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر، ئۇنىڭ دەسلەپكى 6 يېشىدىلا بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردا قىزىقىش ۋە ھەۋەسنىڭ يېتىلىشىدە ئاتا - ئانىلار ئالاھىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ قىزىقىشلاردىن بىرى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىدۇر. چۈنكى ئاتا - ئانىلار، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى تاللاشلاردىن بىرىنى تاللاپ بىرىدۇر. يەنى بالىلارنىڭ قەلبىنى رەسىم سىزىش ۋە كىتاب ئوقۇشقا مايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ ياكى بالىلارنىڭ ئەركىن - ئازادە كوچىلارغا چىقىپ ئوينىشى، پايدىسىز ئويۇنلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇر.

2 - كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە

كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك، تەربىيىلىك ياكى بىلىملىك ئائىلە دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەزالىرى ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك بولۇپ، ئۆيدىكى بالا بىر تەرەپكە قارىسا دادىسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپكە قارىسا ئۇكىسىنىڭ رەسىم سىزىۋاتقانلىقى، يەنە باشقا بىر تەرەپتە بولسا ئانىسى مەكتەپنىڭ دەرسىنى چۈشنەلمىگەن قېرىندىشىنىڭ دەرسىنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقى بالىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر ئائىلە دېمەكتۇر.

چۈنكى بالىنىڭ ئۆيدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ يېتىلىشى، بالىنىڭ قەلبىدە كىتاب، قەغەز - قەلەم بىلەن ئۆتكەن ھايات، ھەقىقىي تەبىئىي ھايات ئىكەن، دېگەن ئىشەنچىنى تۇرغۇزىدۇ.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى بىر ئاتا - ئانىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن كىچىك بالىلاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھەققىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ: كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى كىتابقا قىزىقمايدىغان 82% بالىلار، ئەسلىدە ئاتا - ئانىلىرى تەرىپىدىن كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇلمىغان بالىلار ئىكەنلىكى نامايەن بولغان.

شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەت، كىتاب ئوقۇشقا ھەيدەش بىلەن ئەمەس، بەلكى كىچىكلەر چوڭلارغا ئەگىشىدىغان شەرت - شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا - ئانىلار، كىتاب ئوقۇمايدىكەنمىز، بالىلىرىمىزمۇ كىتاب ئوقۇماي چوڭ بولىدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىشىمىز مۇمكىن.

3 - ئائىلە كۇتۇپخانىسى

غەربلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسىڭىز، كۆپىنچىسىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىدە كۇتۇپخانا كۆرىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ بالىلىرى كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇيدىغان شەخسلەرگە كۆنۈك ياكى ئادەتلەنگەن ھالدا چوڭ بولىدۇ.

ئەمما بىزنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭ ئۆيلىرى كىتابخانىدىن خالىي، بەزى ئۆيلەردە كىتابخانا بولسىمۇ، ئۇ كىتابلار ئوقۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى موزىيخانىغا ئوخشاشلا زىننەت ئۈچۈن تىزىلغان.

ئەمەلىيەتتە بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، ھەر بىر ئائىلىدە، چوڭ - كىچىك پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ماس كىلىدىغان، ئۇلارغا روھىي ئوزۇق بېغىشلايدىغان بىر كۇتۇپخانا بولۇشى ۋە ئۇ كۇتۇپخانىنىڭ كىتابلىرى پات - پات يىڭىلىنىپ تۇرۇشىدۇر.

4 - ئېلىكترونلۇق تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىدىن رەتلىك پايدىلىنىش

تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت، تېلېفۇن ۋە ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەر، يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، زىھنىنىڭ كۆپرەكىنى يوقىلاڭ پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغانلىقى نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ مۇستەھكەم تەربىيىلىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

شۇڭا، ئاتا - ئانىلار، كىتاب بىلەن ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەتلەرنىڭ رىقابەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىتاب بىلەن ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەتلەر رىقابەتكە چۈشۈپ قالسا چوقۇمكى كىتاب مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمدى كىتابنىڭ ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەتلەر ئالدىدا مەغلۇپ بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزور ئالدىدا ھەر كۈنى بىر - ئىككى سائەتتىن زىيادە ئولتۇرۇشقا يول قويماسلىقى لازىم.

شۇنداق قىلغاندىلا، بالىلىرىمىز چۆچەك ۋە تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇشقا يۈزلىنىپ ئاستا - ئاستا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كۆڭلى ئېچىلىدىغان، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قەلبى ھۇزۇر تېپىپ كىتابنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.

ئاتا - ئانىلار. بىز قاچانىكى بالىلىرىمىزنى مۇكەممەل تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكى ۋە كىيىم كېچىكى قانداق مۇھىم بولسا، روھىي ئوزۇقىنىڭمۇ شۇنداق مۇھىملىقىنى بىلىدىكەنمىز، بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھاسىل بولىدۇ ۋە كەلگۈسىدە دىنىغا، مىللىتىگە مەنپەت يەتكۈزۈشكە قادىر ياراملىق ئادام بولۇشنىڭ تۈنجى قەدەملىرى بېسىلغان بولىدۇ.»