«كۆكبايراق» ژۇرنىلى ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

20 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىپ كەلگەن «گۆكبايراق» ژۇرنىلى 113-سانىدىن تارتىپ ئىنگلىز تىلىدىمۇ نەشر قىلىنىشقا باشلاندى. ئىككى ئايدا بىر نەشر قىلىنغان بۇ ژۇرنال 5000 تىراژدا بېسىلىدىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى كۇتۇپخانىلارغا تارقىتىلغاندىن باشقا، 15 ئەتراپىدا دۆلەتكىمۇ ئەۋەتىلىدۇ.

ژۇرنالنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركچە-ئىنگىلىزچە نەشر قىلىنغان سانىغا ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يارىلىرى ساقىيارمۇ؟» در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى»، در. قىلىچ بۇغرا قاناتنىڭ «ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە خىتاي تۈزۈمىگە بولغان ياتلىشىش»، سەمەت زەنگىنوغلۇ ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇسماسلىق»، رىچارت لوئۇرىئەنىڭ «قورقماس ئەجدىھا يوق»، ئاندرېۋ سماللنىڭ «خىتاي نېمە ئۈچۈن تالىبان بىلەن ئۇچرىشىدۇ؟»، در. گۈلزادە تانرىداغلى خانىمنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە چاچ ئۆرۈش ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» دېگەنگە ئوخشاش ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.

بۇلاردىن باشقا مەرھۇم مەمەت ئىمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناملىق كىتابىدىن ئارىيەلەر ئىنگلىزچە ۋە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ قويۇلغان. ژۇرنالنىڭ ئاخىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەنزىرىلىرى» ناملىق بۆلۈمگە ئاماننىساخان مەقبەرىسىنىڭ رەسىملىرى قويۇلغان. ژۇرنال سۈپەتلىك قەغەزدە بېسىلغان بولۇپ، ھەر بېتى ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن. بىز ژۇرنال توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.