دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف قاتارلىقلار گائاگادىكى ئاز سانلىقلار كۆپ تىللىق مائارىپ پىلانى يىغىنىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف قاتارلىقلار گائاگادا چاقىرىلغان «ئاز سانلىقلارنىڭ كۆپ تىللىق مائارىپ پىلانى يىغىنى» غا قاتناشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ پروگراممىلىرى ئىنتايىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە شۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قانداق جەلپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردىمۇ كۆپ خىل تىلدا تەڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان.

20 - ئاپرېلدا گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىشىشى ۋە مائارىپى بويىچە مەركىزىي ئاسىيا مائارىپ پروگراممىسىنىڭ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان مەجلىسى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇنىڭدا ئۆتكەن يىلى ۋە مۇشۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە يۈرگۈزۈلگەن كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش بويىچە قوللىنىلغان چارىلەر، ئۇلارنى قوللاش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بېرىلگەن تەۋسىيەلەرنى مۇھاكىمە قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان.

مەزكۇر مەجلىسكە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارى ئاسترىد تۇرس، مەركىزىي ئاسىيا مائارىپ پروگراممىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، مەزكۇر پروگرامما بويىچە مۇتەخەسسىسلەر، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋەكىللىرى قاتناشتى.

قازاقىستانلىق ۋەكىللەردىن «ئۆرلېئۇ» كەسىپنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مىللىي مەركىزى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى گۈلناس ئەخمېتوۋا، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتى سارېمى نامىدىكى 107 - مەكتەپ - گىمنازىيە مۇدىرى باھادۇر نۇرالىيېف، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153 - مەكتەپ - گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ھەمرايېف بولدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئۆز سۆزىدە پۈتۈنلەي ياۋروپادا قازاقىستانغا بولغان كۆز قاراشنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر مەجلىس قارىغان مائارىپ پروگراممىسىنىڭ ئەتراپلىق بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تىللىقنى كىرگۈزۈش لايىھىسى بۈگۈنكى كۈندە ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىدىكى ئۆزبېك ۋە تاجىك تىللىق مەكتەپلەردە كىرگۈزۈلدى.

مەملىكەتلىك سىياسەت مىقياسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈش مەقسىتىدە دەسلەپتە ئەنە شۇ ئايرىم مىللىي مەكتەپلەردە سىناق ئىشلىرى يۈرگۈزۈلمەكتە.

شۇلارنىڭ بىرى ئالماتانىڭ ئاۋېزوف ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153 - مەكتەپ - گىمنازىيەسىدۇر. بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك مەكتەپلىرىدە بۇ مەسىلە بويىچە ئۆز - ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

بىز ئەنە شۇ كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش بويىچە سىناق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان 153 - مەكتەپ - گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سىناقنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، مەكتەپنىڭ ساپاسى كۆتۈرۈلدى. ئىككىنچىدىن، بالىلىرىمىز ئۇيغۇرچە ئوقۇپ تۇرۇپ بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھاننى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا رۇس ياكى قازاق تىللىرىدا تاپشۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت خىراجىتىگە ئوقۇشقا چۈشكەن ئون بالىمىزنىڭ تۆتى ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇيدىغان ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشتى. دەلىل، ئەگەر بالىلىرىمىز كۆپ تىللىق بولىدىغان بولسا، ئۇ رىقابەتكە تەييار بولىدىغان بولىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى ئالتە - يەتتە يىل مابەينىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاجىك تىللىرىدا ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تىللىقنى كىرگۈزۈش بويىچە لايىھىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. بۇ قازاقىستاندىكى كۆپچىلىك ئارىسىدا تالاش - تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر بۇ سىياسەت مەملىكەت دەرىجىسىدە قوللاپ - قۇۋۋەتلىمەكتە.

يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش پروگراممىسى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ لايىھىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.