مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئوتتو-خارراسسوۋىتىز نەشرىياتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى يېقىندا نەشر قىلغان. ئەسلىدە مانجۇ، موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت چىڭ دەۋرىدىكى بەش چوڭ تىلدا پاراللېل قىلىپ تۈزۈلگەن مەزكۇر لۇغەت بۇ قېتىم گېرمان تىلى بىلەن ئىزاھلانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ گېرمانىيەدە ئىلمىي ئۆلچەم ۋە ئەڭ يېڭى نۇسخىدا نەشر قىلىنىشى مانجۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى ھەرقايسى تىللارنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەن.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ گېرمانچە نەشرىگە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەت بىلەن دوكتور ئايسىما مىرسۇلتانلار قاتناشقان. ئۇلار مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنىڭ رىياسەتچىسى دوكتور ئولىۋېر كۇرف بىلەن بىرلىكتە لۇغەتنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئىزاھلاش ئىشىغا مەسئۇل بولغان. نۆۋەتتە گېرمانىيە گۆتتىڭگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ گېرمانچە نەشرى ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى خانى زامانىسىدا تۈزۈلۈشكە باشلاپ، چيەنلۇڭ خانى دەۋرىگە كەلگەندە بەش تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت ھالىتىگە كەلگەن. 1957-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى رەسىمگە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن مەزكۇر لۇغەتنى رەسمىي نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ ئىشقا ئۇيغۇر تىلشۇناسلاردىن ئىبراھىم مۇتىئىي قاتارلىقلار قاتناشقان.
دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىم گېرمان تىلى بىلەن ئىزاھلانغان يېڭى نۇسخا «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە خەلقئارا ئىلمىي ئۆلچەمدىكى نەشرى ھېسابلىنىدىكەن. لۇغەتنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلىرى 18-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، مەزكۇر لۇغەتنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى گېرمانچە ئىزاھاتى بىلەن بىللە يېقىن كەلگۈسىدە ئايرىم كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنماقچىكەن.