«مەرىپەت» ژۇرنىلى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىشنى يولغا قويدى
2017.12.28
«مەرىپەت» ژۇرنىلى دىنى، ئىلمىي، ئىجتىمائىي پەسىللىك ژۇرنال بولۇپ، يېقىندا 2017-يىللىق 4-سانى نەشردىن چىقتى.
«مەرىپەت» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا يېزىلىشىچە، «مەرىپەت» ژۇرنىلى ھەر قېتىملىق ساندا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى باھالاپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىككى پارچە ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويغان.
«مەرىپەت» ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىللىق 4-سانى، «غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ چۈشەنچىسى»، «ئىلىم ۋە ئىماننىڭ كارامىتى»، «چۈش ۋە رېئاللىق»، «تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»، «ئۇنتۇلغان ئۆلىما ئابدۇللا قارىھاجىم» قاتارلىق 10 پارچە ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ ژۇرنالدىكى بەزى ئەسەرلەر تەتقىقات خاراكتېرلىك ماقالىلەر بولۇپ، بەزلىرى دىنى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەرنى ئاساس قىلغان ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«مەرىپەت» ژۇرنىلىدا مۇكاپاتقا تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ مۇكاپات قىممىتى 500 سەئۇدى ئەرەبىستان رىيالى نەق پۇل بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.
بىز بۇ توغرىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن «مەرىپەت» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئوجات ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇكاپات ئۈچۈن باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئىلمىي تەتقىقات خاراكتېردىكى ئەسەرلەر، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مۇھاكىمە خاراكتېردىكى ئەسەرلەردىن ئىبارەت. مائارىپ توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ۋە تارىخىي خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلەرمۇ باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.
«مەرىپەت» ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى سانىدىكى «ئۇنتۇلغان ئۆلىما ئابدۇللا قارىھاجىم» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇنتۇلغان ئۆلىما ئابدۇللا قارىھاجىم» دېگەن ئەسەردە 1970-يىللاردا كۇچاردا ئالەمدىن ئۆتكەن دىنى ئالىمنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇللا قارىھاجىم كۇچادىكى بەيتۇللا مەسچىتىگە ئىمام بولغان ئىكەن. بۇ كىشى ئەينى دەۋردە كۇچادا ئۆتكەن يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن سانىلىدىغان داڭلىق شەخس ئىكەن، 1930-يىللاردا كۇچادىكى رەستە مەسچىتىدە ئىمام بولغان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ دىندا ئوقۇغان ئىكەن. ئوقۇشتىن قايتىپ كېلىپ، كۇچادا دىنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قالاق ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلەپ ئاقارتىش ئېلىپ بارغان. كۇچادا 1949-يىلى گومىنداڭ ئارمىيىسى بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بېرىپ خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندا ئابدۇللا قارىھاجىم مەيدانغا چىقىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ پالەچ قىلىپ قويغان ئىكەن. كېيىن ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىمۇ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن زەربىگە ئۇچراپ ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان، تۈرمىگە قامالغان ۋە تاياق سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ قېلىپ، 1977-يىلى ۋاپات بولغان ئىكەن.
«مەرىپەت» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى ساندا يەنە ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىز بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە يېزىلىش سەۋەبى توغرىسىدا ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ماقالىنىڭ يېزىلىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىغا يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك دۇنياسىغا ھامىيلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋەتىنىمىزدىكى ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن، دۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ كېتىۋاتقان ۋە ئورۇنلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپەيدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مۇرەككەپ ئەھۋالى، بەزى كىشىلىرىمىزنى خېلى گاڭگىرىتىپ قويدى. بەزىبىر ئاق كۆڭۈل ۋە ساددا تىجارەتچىلىرىمىز قويمىچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراۋاتقان بولسا، يەنە بەزى بىر نادان كىشىلىرىمىز تاشقى كۆرۈنۈشى دىنى ئالىم تونىغا ئورىنىۋالغان، ئەمەلىيەتتە دىن دۈشمەنلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان ئازغۇن پىكىردىكى كىشىلەرگە ئەگىشىپ كېتىپ توغرا ئىسلام تەلىماتلىرىدىن يىراقلىشىپ خاتا ۋە ئەگرى-توقاي يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بەزى بىر يامان غەرەزلىك پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نادان ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھەققىدە ھەر خىل سەپسەتىلەرنى ۋە تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بىز ئەنە شۇ ھەقىقەتلەرنى كۆز ئالدىمىزغا قويغان ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەر خىل مىللەت ۋە ئىرقلاردىن تەركىب تاپقان ھەر خىل ئېتىقاد، مەزھەپ، مەدەنىيەت كۆز-قاراشلىرىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى ۋە تۈركىيە جەمئىيىتىنى چۈشىنىشكە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتۇق».
«مەرىپەت» ژۇرنىلى قاچاندىن باشلاپ نەشر قىلىندى؟ قانداق تېمىدىكى ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىدۇ؟ قايسى مەزمۇندىكى ئەسەرلەر مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنىڭ شەرتلىرى بارمۇ؟ «مەرىپەت»
ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىشىدىكى ئاساسىي نىشان نېمە؟ ژۇرنالنى نەشر قىلىشتا قانداق بىر نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئارزۇ قىلىنىدۇ؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ژۇرنالنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىم، ئابدۇلئەھەد ئوجات قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.