ھازىر قازاقىستاندىكى ھەر خىل ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات، مەتبۇئات، ئىلىم-پەن، تەنھەرىكەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەم چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى پىداكارانە ئەمگىكى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلاردا مىللىي روھ، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت قانچىلىك دەرىجىدە راۋاجلانغان؟ مىللىي روھ دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ مىللىي روھ مىللەتنىڭ كېلەچىكىدە قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟
«كوسمو-تراۋېل» ساياھەت شىركىتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى رىئاد قۇربانوفنىڭ پىكرىچە، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى شۇ مىللەت ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ دەرىجىسى بەلگىلەيدۇ. مىللىي روھ ھەر قانداق مىللەتنىڭ بۇزۇلماس ھۈلى، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولغانلىقتىن، مىللىي روھتا تەربىيىلەنگەن، بىلىم ئالغان ياشلار كېلەچەككە چوڭ ئىشەنچ بىلەن قاراپ، ئىلگىرىلەلەيدۇ. ر. قۇربانوف مىللىي روھسىز تەربىيىلەنگەن ياشلارنىڭ كېلەچەكتە خۇراپىيلىققا، نادانلىققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئاڭلىق، مۇناسىپ ۋەكىللىرى بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرقى زاماننىڭ بىزگە قويۇۋاتقان تەلىپى مىللىي غۇرۇرى يېتىلگەن ياشلارنى تەربىيىلەپ چىقىش. بۇنىڭ ئاساسىدا نېمە ياتىدۇ؟ ئەلۋەتتە، مائارىپ سىستېمىسىنى يولغا قويۇش، بالىلارنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش، تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپتىكى بىلىمگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش. چۈنكى، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى شۇنىڭغا باغلىق. مىللىي سەۋىيە ئۆسكەنسېرى، مىللەت تەقدىرى غەمخورلۇققا ئېرىشىدۇ، مىللەت سۈپىتىدە كامالەت تاپىدۇ. مىللىي سەۋىيە تۆۋەن بولسا، بۆلگۈنچىلىك، ھەسەتخورلۇق، خۇشامەتچىلىك ۋاھاكازالار يېتىلىپ چىقىپ، مىللەت قايغۇسىغا ئايلىنىدۇ. بىز شۇلاردىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى زاماندا بالىلارغا روھىي مىللىي تەربىيە ھاۋادەك ھاجەت دەپ ئويلايمەن. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ كېلەچەك ياشلىرىمىزنى روھىي جەھەتتىن تۆۋەن دەپ ئېيتالمايمەن. بىراق ھەر مىللەت قەيەردە جەم بولۇپ ئولتۇرسا، شۇ يەردە مىللىيلىك ساقلىنىدۇ.»
ر. قۇربانوفنىڭ قارىشىچە، كېلەچەك ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە مائارىپ ساھەسىلا ئەمەس، بەلكى، مەسىلەن، مىللىي سەنئەتنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان تىياتىرچىلىق ئىجادىيىتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا كىچىك بالىلارغا بېغىشلانغان سەھنە ئەسەرلىرى كەم بولۇپ، بۇ ساھەنى جانلاندۇرۇش ۋەزىپىسى رېژىسسورلارغا، ئارتىسلارغا ئارتىلىدۇ، چۈنكى مىللىي روھنى ئويغىتىدىغان، مىللىي تەربىيە بېرىدىغان سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ يارىتىلىشى بۈگۈنكى زامان تەلىپىدۇر. ر. قۇربانوف شۇنداقلا مىللىي روھ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ بىرلىشىشى لازىملىقىنى، مىللەت تەقدىرىنىڭ ھەممىنىڭ ئورتاق غەم-قايغۇسى ئىكەنلىكىنى، ئويغىنىشنىڭ، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى، ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ. شۇ قەدرىيەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ھەم يەنىمۇ تەرەققىي ئەتتۈرۈش سېزىملىرى ھازىرقى ياشلاردا شەكىللەنگەنمۇ؟ ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شائىرەم باراتوۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئىنساننىڭ دىلىدىكى مىللىي روھ ئۆز مىللىتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن، خەلقىگە تەئەللۇق قەدرىيەتلەرنى يۈرىكى بىلەن سېزىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلسە كېرەك. يەنى ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتىنى، ئانا تىلىنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلاش، تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش مىللىيلىكنىڭ بىر ئۈلگىسىدۇر. ھەر خىل ساھەلەردە ئەمگەك قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈن ياشلىرىدا مىللىي سېزىم ئۇچقۇنلىرىنى بايقاشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئىنتېرنېت تورلىرى ھەم گېزىت سەھىپىلىرىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىۋاتقان مىللىيلىكى يۇقىرى مىسرالارنىڭ يورۇق كۆرۈشى خۇرسەن بولارلىق ئەھۋال، ئەلۋەتتە. ئەمما ياشلار دىلىدا مىللىيلىكنىڭ تېخىمۇ يالقۇنلىنىشىنى خالىغان بولار ئىدىم. دىلىمىزدا مىللىي روھ ئۈستۈن بولسا، ئۆزىمىزنى ئۇلۇغ ۋە دانا مىللەتنىڭ پەرزەنتى سۈپىتىدە ھېس قىلىشىمىز تۈپەيلى بىپەرۋالىققا، بىغەملىككە يول قويالمايدىغىنىمىز ئېنىق. بۈگۈنكى تاڭدا مىللىي روھى ئۈستۈن ياشلارنىڭ يېتىلىپ چىقىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ياشلار دىلىدىكى مىللىي روھقا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن.»
ياش شائىر مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ھەر قانداق بىر شەخستە مىللىي روھنىڭ شەكىللىنىشىدە ئانا تىلى مۇھىم رول ئوينايدۇ، چۈنكى ئانا تىلىنى بىلمىگەن ئادەمدە مىللىي روھ، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت، ياخشى سېزىم شەكىللەنمەيدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مىللىي روھ شەكىللەنمىگەن شەخسنىڭ ئانا يۇرتىغا، ئانا ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببەت سېزىملىرى ئۈستۈن ۋە سەمىمىي بولمايدۇ. ئۇ بۈگۈنكى ياشلاردىكى مىللىي روھ دەرىجىسىگە مۇنداق دەپ باھا بەردى: «ئەلۋەتتە، 21-ئەسىرنىڭ قەدەم بېسىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردا پۈتكۈل دۇنيا يۈزى بىلەن بىرلىكتە قاتتىق ئويغىنىش يۈز بەردى. چۈنكى شېئىرلاردىمۇ، ھېكايىلەردىمۇ ئېيتىلىپ ئۆتكىنىدەك، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىش دەۋرىگە ئۆتتى دېسەك بولىدۇ. بولۇپمۇ، قازاقىستاندىكى ياشلىرىمىزدا مىللىي روھ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي ئەتتى دەپ ئېيتالايمىز، چۈنكى، 90-يىللارنىڭ ئايىغىدا ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببەت سەل سۇسلاشقان بولسا، 21-ئەسىر كىرىشى بىلەن قايتىدىن مىللىي غۇرۇر ئويغىنىپ، مىللىي مەكتەپلىرىمىزگە بالىلارنىڭ كۆپلەپ كېلىشى مىللىي روھنىڭ تەرەققىياتىدىن دەپ بىلىشكە بولىدۇ. بۇنى جۇمھۇرىيەتلىك "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئۆسۈشىدىنمۇ بىلىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىللىي روھنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى دەرىجىدە كېتىپ بارىدۇ، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن.»
مەلۇمكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن «كېلەچەك نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» پروگراممىسى قازاقىستانلىقلار تەرىپىدىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ كەلمەكتە. مەملىكەت رەھبىرى قازاقىستان جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى مەنىۋى يېڭىلاشنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇنىڭ مۇھىم شەرتى سۈپىتىدە مىللىي كودنى كۆرسەتكەن ئىدى. مەزكۇر مىللىي كود نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مەنىۋى يېڭىلىنىشىدا بۇ نېمىنى كۆزدە تۇتىدۇ؟
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نەشرىياتچى ئازنات تالىپوف بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مىللىي كود دېگىنىمىز-بىزنىڭ مىللىي روھىمىز، مەنىۋى بايلىقىمىز. بۈگۈنكى ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇش دەۋرىدە شۇ مىللىي روھىمىزغا، مەنىۋى بايلىقىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش، شۇنى ساقلاپ قېلىش ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭ شەخسىي پىكرىمچە، ھەر بىر ئائىلىدە بۇ مەسىلىگە چوڭ كۆڭۈل بۆلۈنۈشى كېرەك. قازاق خەلقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مۇختەر ئەۋېزوف مىللەت بولىمەن دېسەڭ، بۆشۈكۈڭنى تۈزە، دېگەن دانا سۆزىنى ئېيتىپ كەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىدىن باشلىنىدىغان تەربىيىدە بىز مىللىي روھقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. مىللىي روھ نېمىدىن باشلىنىدۇ؟ ئانا سۈتى بىلەن كىرگەن بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىن باشلىنىدۇ. ئانا تىلىمىزغا، مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە، ئەدەبىياتىمىزغا، سەنئىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش تۇيغۇسىنى شۇ ئۆسۈۋاتقان بالىلارغا سىڭدۈرمەي تۇرۇپ، مىللىي روھنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ تەرەققىي ئېتىشى، ئەلۋەتتە، بىرىنچى نۆۋەتتە، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىي ئېتىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.»
ئا. تالىپوف بۇ يەردە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھۋالى، ئومۇمىي تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادنىڭ مىللىي تەربىيە ئېلىشى لازىملىقىنى، شۇ ۋاقىتتىلا بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى رىقابەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.