قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئاماللىرىنى ئىزدىمەكتە
2018.08.10

ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. شۇ مەقسەتتە بولۇپمۇ يېزا يەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى، ئاكتىپلار، زىيالىيلار ھەر خىل چارىلەرنى كۆرمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىدىكى چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى قاراتۇرۇقتا جەم بولغان ئۇيغۇرلار مۇشۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
مەزكۇر يىغىنغا ئالمۇتا شەھىرىدىن بىر تۈركۈم زىيالىيلار، شۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىننى ئاچقان چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى مايدىن ئابدۇللايېف بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى ئانا تىل ۋە مىللىي مائارىپ تەقدىرى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، چېلەك ۋە قورام يېزىلىرىدا يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرىدىن بارغان بىر تۈركۈم زىيالىيلار، مىللەتپەرۋەر زاتلار ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات ئىشلىرى نەتىجىسىدە ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرگە، سىنىپلارغا بالىلىرىنى بېرىۋاتقان ئاھالىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى ئەھۋالنىڭ خېلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش مەقسىتىدە يۇرت ئاكتىپلىرىنى ھەمدە بىر گۇرۇپپا مېھمانلارنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېھمانلار ئىچىدە پېشقەدەم ئۇستاز، سابىق مەكتەپ مۇدىرى قاسىم ئىسمايىلوف، فىرانسىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى دىلنۇر رەيھان، ئۇيغۇر مائارىپىنى قوللاش فوندىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ھەمرايېف، سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلنۇر قاسىموۋا، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى گۈلمەرەم توختاخۇنوۋا، تىجارەتچى مارس باراتوف ۋە باشقىلار بولدى. يىغىندا سۆزلىگۈچىلەر مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى، شۇ جۈملىدىن قاراتۇرۇق يېزىسى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپ كوللېكتىپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ياشلار، ئوقۇش قوراللىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
قاراتۇرۇق يېزىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 831 ئوقۇغۇچىنىڭ پەقەت 149نىڭ ئۇيغۇر سىنىپىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنىپلارنى تولدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلەشكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاھالىسى ۋە ئاكتىپلىرىنىڭ پاسسىپلىقىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىلىم سۈپىتىنىڭ ھېچ كىمدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا تاللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېزىدا شەكىللەنگەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «توغرا، بۈگۈنكى ئۇچۇر-مۇلازىمەت دەۋرىدە مىللەت كېلەچىكى بولغان ياشلىرىمىز ئانا تىلىنى، قازاق تىلىنى پۇختا بىلگەن ھالدا رۇس ۋە ئىنگلىز تىلىنىمۇ بىلىشى كېرەك. بۇ دەۋر تەلىپى. بىراق، ھەرگىز ئانا تىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ھاماقەتلىكتۇر. بىلسەك، ھەر قانداق ئادەمنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت. ئانا تىلى-مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەشئىلى، مىللەتنىڭ ئۆزى. مىللەتنىڭ ئارزۇلىرىنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىلا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئەمدى مۇشۇ ئاددىي نەرسىنى چۈشەنگۈسى كەلمەيدىغان شەخسلەر ئارىمىزدا كۆپ، يەنى ئۇلارنى چەتتە تۇرغانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەنىسىگە دېگەندە ك چۆكەلمەيدۇ، ئۇنى بويىغا سىڭدۈرەلمەيدۇ. ئانا تىلىغا سۇس قارايدۇ ۋە ئۇنى چوڭقۇر قوبۇل قىلمايدۇ. ئىككى-ئۈچ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇغىنى ھەم يۇقىرى ئاتاق-ئۇنۋانغا ئېرىشكىنىنى دېمىسە، مىللىي غۇرۇرى، مىللىي روھى ۋە ئەقىدىسى يوق. شۇڭلاشقا ئۇلار ئانا تىل تەرەققىياتىغا ياتسىنىپ قارايدۇ. مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ مۇمكىنچىلىك-ئەۋزەللىكلىرىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ چىگىش مەسىلىنىڭ يېشىلىش يولى يوق ئەمەس، بار. بىزچە بولغاندا، ئۇنىڭغا مىللەتنىڭ مەنىۋى بىرلىكىنى، يەنى ‹ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە سۆزلىشى كېرەك› دېگەن تەلەپنى جەزمەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشى شەرت ھەم ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان نەشىر-ئەپكارلىرىمىز جەزمەن بولۇشى كېرەك، دېگەن تەشۋىقاتنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق قول يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.»
بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا قانداق قىلسا ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئانا تىلىغا بولغان ھۆرمەت سېزىملىرىنى ئويغىتىشقا بولىدىغانلىقىنىڭ يوللىرىنى، ئاماللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر مائارىپىنى قوللاش فوندىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف مىللىي مائارىپ تەقدىرىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ساقلاپ قالمىسا، كېلەچەكتە ئۆز كىملىكىدىن تامامەن ئايرىلىدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچى دىلنۇر رەيھان بولسا فىرانسىيەدە ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەملىكەتتىكى ئۇيغۇر تىلى تەقدىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەھۋالغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، مىللەت تەقدىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۆزگە چىققان ئۇستازلار ئوقۇش قوراللىرىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئازىيىپ، ئەھۋال شۇنداقلا داۋام قىلسا ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېپىلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كۆپرەك زىيالىيلارنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھامىيلىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى كىم تەييارلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەكتەپلەر ئوقۇش قوراللىرىسىز قېلىۋاتىدۇ؟
بىز «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساپالىق ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشتە بولۇپمۇ «ئاتامۇرا» ۋە «مەكتەپ» نەشرىياتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەھرىراتى خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مالىك مەھەمدىنوف يەنە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بەزى ئوقۇش دەرسلىكلىرىنىڭ ۋاقتىدا يەتمەيۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىش ھارپىسىدا بىزگە كۆپ ئادەم مۇراجىئەت قىلىدۇ. ھەر قانداق نەشرىيات ئۆز مەھسۇلاتى تىراژىنىڭ كۆپ بولۇشىغا مەنپەئەتدار. تىراژ بولسا مەكتەپلەر بۇيرۇتمىسى ئاساسىدا تۈزۈلىدۇ. ئەگەر مەكتەپتە بىرەر دەرسلىك يېتىشمىسە، بۇ ئەنە شۇ مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇيرۇتما بەرمىگەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.»
قاراتۇرۇقتا ئۆتكەن يىغىندا قارالغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەسىلىسىدۇر. بىز ئۆتكەنكى پروگراممىلىرىمىزنىڭ بىرىدە مۇشۇ ناھىيەنىڭ قورام يېزىسىدىكى ئەھۋالنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بىر ئاي مابەينىدە ئەنە شۇ تەشۋىقات ئىشلىرى قانداق نەتىجىلەرنى بەردى؟ ھازىر قورام يېزىسىدىكى ئەھۋال قانداق؟
قاراتورۇق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنىۋاتقان «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ ئېيتىشىچە، قورام مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر تىللىق سىنىپلارنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلەنگەن ئۇيغۇر ئاھالىسى يىگىت بېشى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى رەھبەرلىكىدە ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ تەشۋىقات ئىشلىرى خېلى جانلاندۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدا يېزا ئاكتىپلىرىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ، ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۆپچىلىككە ئۈلگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.