«قوش تىللىق مائارىپ» سىنىقىغا دۇچ كەلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقان «قوش تىل» نامىدىكى خىتاي تىللىق مائارىپ ئەندىزىسى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى مىللىي مەدەنىيەتتىن ئېغىش كرىزىسىنى پەيدا قىلماقتىكەن.

يېقىندا ئوتتۇرا مەكتەپتىن تاكى ئالىي مەكتەپكىچە خىتاي تىلىدا ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر قىز رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» مۇھىتىدا نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئىسىم، فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ قىز ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەت تەۋەلىكى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلانغان «قوش تىللىق مائارىپ» سىنىقى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تونۇش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قۇمدەك چېچىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرقانچە يىللىق ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتى جەريانىدا ئۇيغۇر تىللىق تەپەككۇردىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللىي مەدەنىيەتتىنمۇ بارغانسېرى يىراقلاشماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ قىز، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باشلانغۇچتىكى مەزگىلىمىزدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاچقا ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بەكمۇ قىزىقاتتۇق. ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ‹قوش تىللىق مائارىپ› نىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە كىتابلاردىن بارغانسېرى يىراقلىشىشقا باشلىدۇق. بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلىنىڭ بېسىمى، يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش تەقەززاسى ئۇيغۇر تىلىنى بىزدىن ئايرىپ تاشلىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن تارتىپ ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىمىزغا قەدەر بىزگە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇتمايدىغان، پەقەت خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلىك كىتابلىرىمىزنىلا ئۆگىنىشكە قىستايدىغان بولدى. ئالىي مەكتەپكىمۇ چىقتۇق. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەنھا ئوقۇدۇق. قىزىقىشلىرىمىزمۇ ئۆزگەردى. ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇماق تۈگۈل، ھەتتا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان پۇرسەتلىرىمىزمۇ ئازىيىپ كەتتى. ئۇيغۇر ياشلىرىدا بىلىپ-بىلمەي خەنزۇچە يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىم-كېچەكلەرگە قىزىقىدىغان، خەنزۇلارنىڭ كىنو چولپانلىرىغا چوقۇنىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. تەتىللەردە يۇرتقا قايتقاندا ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرمەيدىغان بولدۇق…»

ئۇ يەنە زىيارىتىمىز جەريانىدا «قوش-تىللىق مائارىپ» تەربىيىسى كۆرگەن يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پىسىخىك دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.