قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنۈمى قايسى ھالدا؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-مايدا خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاپرېل ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىل» مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا «13-بەش يىل» مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىر قاتار ھۆججەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق «قوش تىل» مائارىپىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىق ئىرادىسىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

ئۇنداقتا دائىرىلەر تەرىپىدىن «قوش تىل مائارىپى بالىلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاساس سالدى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىل مائارىپى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى قانداق تەربىيىلەپ چىقماقتا؟

قازاقىستاندىكى كۆپ خىللىق تىللىق مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىچۇ؟ بۇ ئىككى دۆلەتتە ئىككى خىل مائارىپ سىياسىتىدە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوز ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ھەققىدىكى بىلىم ۋە چۈشەنچىسىدە قانچىلىك پەرقلەر بار؟ مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ھەققىدە قەشقەر ۋە ئالمۇتادىن مەلۇمات ئىگىلىدى دىققىتىڭلار بۇ پروگراممىدا بولسۇن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپى نامىدىكى سىياسىتىنى 2000-يىلى رەسمىي يولغا قويۇپ 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، قوش تىل مائارىپىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئۆستۈرگەن ئىدى. 2011-يىلى ئاپتونوم رايون «شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل مائارىپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر مۇنتىزىملاشقان قوش تىل مائارىپ شەكلى يولغا قويۇلدى. ئۇيغۇر بالىلىرى 3، 4 ياشتىن باشلاپ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىغا قەدەم باسىدۇ، قوش تىل يەسلىسىدە ئاز دېگەندە 2 يىل تەربىيىلەنگەن گۇۋاھنامىسى بولماي تۇرۇپ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئېلىنمايدۇ، 2008-يىلىدىن 2012-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا 2237 قوش تىل يەسلىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بولسا پەقەت ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرستىن باشقا ھەممە دەرس خىتايچە ئوقۇتۇلىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىزچىل ھالدا قوش تىل مائارىپى سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا بايان قىلىشىچە، بولۇپمۇ قوش تىل مەكتەپلىرىدە بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئوقۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەپتىدە پەقەت بىر نەچچە سائەتلىك ئاتالمىش «ئانا تىل» دەرسى ۋە «ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى» دەرسى بىلەن چەكلەنگەننىڭ ئۈستىگە، بۇ دەرسلىكلەر كىتابلىرىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ۋە تارىخىي شەخسلەر ئورنىغا ئاساسەن خىتايلارنىڭ كلاسسىك، تارىخىي نەمۇنىلىرى ئالماشتۇرۇلغان. قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ئۆز تارىخىي، مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ۋە ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە زور سەلبىي تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. يېقىندا خوتەندىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 20 يىللىق بالا تەربىيىلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى قوش تىل مائارىپى نەتىجىسىدە بالىلارنىڭ ئوز مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «بالىلىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپنى ساۋاتسىز ھالەتتە دېگۈدەك پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتمەكتە» دەپ ئۆكۈنگەن ئىدى.

بىز قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە بالىلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى بىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى ئېلىپ باردۇق، ئارىدا بىز سۆھبەتتە بولغان 12 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ئۆزىنى قەشقەردىكى قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ-5يىللىق ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىسى دەپ تونۇشتۇردى،بۇ ئۇيغۇر بالىسى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن مەھەللىسىگە قۇرۇلغان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىلاش دەرس ئۆتىدىغان قوش تىل يەسلىسىدە ئۈچ يىل ئوقۇغان، ئۇ ئوقۇۋاتقان قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر. ئۇ سۆھبىتىمىز جەريانىدا گەرچە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىزچىل ئەلاچى يەنى 3-تە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ كېلىۋاتقان، بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بىرمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىرمۇ شەخسنى بىلمەيدىغانلىقى، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە بىر پارچە كىتاب ئوقۇپ باقمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مەكتەپلىرى نامىدىكى مەكتەپلەردە پەقەت ئۇيغۇر ئانا تىل دەرسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئانا تىل تەربىيىسىدىن باشقا يەنە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا مۇنتىزىم مىللىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بار،بۇنى ھازىرقى قازاقىستان ھۆكۈمىتى قوللاپ كەلمەكتە.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەقەت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا ساقلاپ قېلىنىۋاتقان ئانا تىلدىكى سىستېمىلىق ئوقۇتۇشىنى نەمۇنە سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ، بۇ ۋەجىدىن بىز قازاقىستاندا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن نازىگۈل بىلەنمۇ ئوخشاش ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ھەققىدىكى بىلىم ۋە چۈشەنچىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالماتىدىكى بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئانا تىلىنى چىقارغان بوۋىسى مەسۈمجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مائارىپ ئارقىلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تامامەن مۇمكىن، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ پەقەت رۇس تىللىق مائارىپى ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرنى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرغان، شۇ ۋەجىدىن قازاقىستان قازاق تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان زور تىرىشچانلىقلار كۆرسەتمەكتە، لېكىن رۇس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا تېخى ئۇزۇن مەزگىل كېتىشى مۇمكىن. ئۇ قازاقىستاندا ياشاش جەريانىدا ئىزچىل ھالدا پەرزەنتلىرىنى شۇ جايدا ئېچىلغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشتىن باشقا، ئائىلىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ سىياسىتى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قوللانغان مائارىپ سىستېمىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دېيىشكە بولىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭ خەتىرى ناھايىتى ئېغىر.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2015-يىل ئاخىرى ئېلان قىلغان، ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەردىكى «قوش تىل» (خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 2 مىليون 830 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 9.98% ئاشقان.