كۆزەتكۈچىلەر: «قوش تىل مائارىپ» ئىنىڭ سۈرئىتى ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى كۆرسىتىدۇ

0:00 / 0:00

بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش سۈرئىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە جەمئىيەتتىن 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ يىل بىر ھەسسە كۆپەيتىپ 19 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى «ئاسسىمىلياتسىيە» سىياسىتىنى «قوش تىل مائارىپ» نامىدا يوشۇرۇپ ئىجرا قىلغان بولسا، نۆۋەتتە بۇ سىياسەتنىڭ سۈرئىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپلا قالماي، مائارىپ بىلەن تەڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىمۇ كۈچەيتمەكتە، دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن تارقىتىلىدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە 15-ماي خەۋەر قىلىنىشىچە، دائىرىلەر 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەسلى، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن 19 مىڭ 182 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ ئورۇنلارغىمۇ ئىلگىرىكىدەك سىياسىي ۋە كەسپىي ۋە خىتاي تىلى ئۆلچىمىگە دائىر شەرت ۋە تەلەپلەر بويىچە يېشى 35 ياشتىن تۆۋەنلەر قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ تىزىملاش باشلانغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تورىدا تىزىملىتىشقىمۇ بولىدىكەن. قوبۇل قىلىنماقچى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قوش تىل يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەتلىك مائارىپ تارماقلىرىدىمۇ مەخسۇس تىزىملاش، ئىمتىھان ئېلىش ئاپپاراتلىرى سەپلەنگەن.

يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، قوش تىل يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 2000 نەپەر بولۇپ خىزمەت قىلىش مۆھلىتى 3 يىل ئىكەن. 3790 نەپىرى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، كۆپ قىسمى قوش تىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 يىللىق «قوش تىل» يەسلىلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 4387 «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر بۇ 19 مىڭ 182 نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى جەمئىيەتتىن ئۇيغۇر ئېلىغا قوبۇل قىلىنغاندا، بۇ ئۆتكەن يىلدىن ئاز كەم بىر ھەسسە ئارتۇق قوبۇل قىلىنغان بولىدۇ. دائىرىلەر 2016‏-يىلى 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتتىن يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قىش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلاردا «قوش تىل» يەسلى مائارىپىغا بولغان ئەندىشە كۆپەيگەنسېرى، ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇپ، 2020‏-يىلغا قەدەر «قوش تىل» مائارىپىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشقا كۈچىمەكتە. بۇ يىل ئاپتونوم رايون مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 28 مىليارد 960 مىليون سومغا يېتىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2017-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىللىق مائارىپ «ئوقۇتۇش مەيدانى بولۇش، ئوقۇتقۇچى قوشۇنى بولۇش، دەرسلىكى بولۇش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەر جەمئىي 7 مىليارد 700 مىليون سوم مەبلەغ سېلىپ، 3845 يېزا قوش تىل يەسلىسى سالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2899 يەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەت، شەھەرگە تارقالغان.

خىتاينىڭ «قوش تىل» مائارىپى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئۆتكۈر مەسىلىنىڭ بىرى. ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ 2015-يىلى 20-ماي «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تەرەققىياتىنى بوغۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يوقىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون سوم مەبلەغ سېلىنغاندىن باشقا، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ھەسسىلەپ كۆپەيتىشى شۇنداقلا قوش تىل نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ سىياسىتىدىكى ئاشكارا خىتايلاشتۇرۇش ئېلېمېنتلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئاسپىرانتى ھېنري شېجىسكى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىغا سېلىنغان زور مەبلەغ ۋە كۈچنىڭ پەقەت خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق مائارىپقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ نۇقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى سەمىمىي بولۇشقا چاقىردى.ئۇ مۇنداق دېدى : «قوش تىل مائارىپى دېگەن ئىككى تىللىق مائارىپنى كۆرسىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقىنى ۋە كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقىنى قوش تىل مائارىپى ئەمەس، خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىرلا تىللىق مائارىپ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي بىر كاپالەتكە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، چوقۇم خىتاي تىلىنى بىلىشىڭىز شەرت، ھازىر بۇ شەرتنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ خىتايلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولالمايدۇ، مائارىپنىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش تەلەپكە لايىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىنماقتا. تېخىمۇ ئېنىقراق قارايدىغان بولساق، بۇ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتى، بۇنى مائارىپ ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتى دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دىن، تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىمۇ چەكلىمىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر پەيتتە، يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە، خىتاي ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيتىلىپ، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتمەكتە. مائارىپنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا راستىنلا رولى كۈچلۈك بولامدۇ؟ دېگەنگە ئۆزۈمنىلا مىسال قىلىپ ئۆتەي، مېنىڭ ئاتا-ئانام ئەسلى پولشادىن، ئىنگلىز مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ تەسىرىدە مەن ھازىر پولشا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يېرىم ئۇنتۇدۇم، باشقا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىدا ئاسسىمىلياتسىيە بولدۇم دېسەم بولىدۇ. بۇ يەردە ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە.»

بۇ ھەقتە يەنە، قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىدە مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى بىر ئاز ياپتا ناملاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەندىن باشقا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىنى يوشۇرماي ئاشكارا ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى ھەتتا، مائارىپتا پۈتۈنلەي خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، خىتاي مەدەنىيىتىنىمۇ مائارىپقا ئېلىپ كىرىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھەر تەرەپتىن خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېنرى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارغا ھەسسىلەپ كۈچەيتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئەلۋەتتە،قوش تىل مائارىپى يېقىنقى يىللاردا ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرلا ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدىن تارتىپ تەقىبگە ئۇچراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى، ئىشلىتىشى ھەر تەرەپتىن چەكلىنىۋاتىدۇ، بۇ مائارىپلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ناتوغرا بىر سىياسەت يېقىندىن بۇيان ئالاھىدە كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم، بۇنىڭ خىتاينىڭ تۈپ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسىتى بولغان بىر بەلۋاغ، بىر يول بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۇيغۇر رايونى بۇ ئىستراتېگىيىدىكى ھالقىلىق ئورۇن، شۇڭا خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىخەتەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاساسىنى سېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىدە، نۇرغۇن خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەر خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويماي، بەكرەك ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار شۇنداق بىر قىيىن باسقۇچتا، شۇڭا بۇ مەزگىلدە بۇ ھەقتىكى ئاۋازىمىز كۈچەيتىلىشى زۆرۈر» دېدى.

بۇ نۇقتىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن باشقا، تىل، مەدەنىيەت ۋە مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقەللىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ تېخىمۇ رىقابەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئوخشاش قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.