ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەش ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غېمىنى ئاشۇردى

0:00 / 0:00

2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قىسقارتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە، شەھەرلەردىكى قوش تىللىق ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش باشلانغان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى يېزىلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ قىسقارتىۋېلىپ، 13-14 ياشلىق بالىلار ئائىلىسىدىن يىراق بولغان ناھىيە بازىرىدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق مەكتەپ»لەردە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. نامدا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدە ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك تاماق ۋە تۇرمۇش خىراجىتى دېھقانلارغا ئېغىر يۈك بولغان، ئائىلە مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى بالىلارنى تەربىيىلەشنىڭ بارلىق ئېغىر يۈكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شامىلى 2010-يىلى ياز پەسلىدە باشلانغان. نۆۋەتتە بۇ خىل ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغىنىغا 5 يىل بولغان بولۇپ، بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىن 10 نەچچە كىلومېتىر ھەتتا 20-30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق مەكتەپ»لەردە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان، ئونسۇ ناھىيەلىرىدىكى يېزىلاردا ھەتتا بەزى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىمۇ قىسقارتىۋېتىلگەن.

خىتاي مائارىپىدا نامدا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدە ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە ۋە بۇلتۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئېلان قىلغان «ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە نامرات ناھىيە، يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك تاماق ۋە تۇرمۇش خىراجىتى دېھقانلارغا ئېغىر يۈك بولغان. بۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادتا قىينالغان بەزى دېھقانلار بالىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كەچكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ياتاقلىق مەكتەپتىكى چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگىنى ئۈچۈن، بالىسىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلە مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى بالىلارنى تەربىيىلەشنىڭ بارلىق ئېغىر يۈكى، ئۆزىگە ئوخشاش سىنىپ تەربىيىچىلىرىنىڭ يۈكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچى بايانىدا 5 يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپتىكى سىنىپ تەربىيىچىلىرىنىڭ ۋە مەكتەپتىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك دەرس تەكرارلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بايانىدا ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىلىدىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىدىكى كۈندىلىك تەربىيىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنىڭ پۈتۈنلەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشۈشى، ئەسلىدىنلا ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىدىن باشقا يازلىق تەتىل ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئائىلىۋى تۇرمۇشى ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ناھىيە بازارلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە يېتىپ ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئەسلىدىنلا يۈكى ئېغىر بولغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى سىنىپ مۇدىرلىرىغا ھەپتە ئاخىرى ۋە دۈشەنبە كۈنى ياتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىلىرى قوشۇلغان. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان«مۇقىملىقنى تەكىتلەش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىش»، «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشى ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆگىنىشىنى قاتتىق چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىلىدىغان ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك، مىللىي قۇتراتقۇلۇق تەشۋىقاتلىرى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلار تەربىيىسىنىڭ مۇھىم نىشانى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ سەۋەبتىن ئوقۇتقۇچىلار بولۇپمۇ سىنىپ تەربىيىچىلىرىگە ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىلىرىمۇ يۈكلەنگەن. 16-17 ياشلىق ئوقۇغۇچىلارنى كېچىسى يوقلىما قىلىش، ئۇلارنىڭ قەيەردە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، جەمئىيەتتە كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ھەر خىل ۋەزىپىلەرنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.

مەكتىپىدىكى سىنىپ تەربىيىچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن بۇ ئوقۇتقۇچى، ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا كېچە سائەت 10 دىكى تەكشۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ئوقۇتقۇچى بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ناھىيىدە تەكىتلىنىۋاتقان، «مۇقىملىقنى ساقلاش، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەش، ياشلارنىڭ دىنىي رادىكاللار ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىش» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر سەۋەبلىك مەكتەپلەردىمۇ سىنىپ مۇدىرلىرى ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىگە ئىمزا قويۇش، ھەركىم ئۆز سىنىپىدا مەسىلە چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يۈكى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىدە 17 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەت ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئېلان قىلىنماقتا. ئۇلاردا رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى نامراتلىق، ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پەننى مائارىپ تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتا تارقالغان ئاتالمىش ‹دىنىي رادىكاللىق›،‹مىللىي قۇتراتقۇلۇق› ئىدىيىسى ۋە چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى رايوندىكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئەھۋالىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى» دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.