ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان «قوش تىل يەسلىلىرى» ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى
2016.12.05

تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئاشكارا ئۇچۇرلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتقان «قوش تىللىق يەسلى» لەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان قەشقەر رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسى بۇ رېئاللىققا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىكى بەزى ساختىلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسا بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئات ئورگانلىرى بۇ يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە «قوش تىللىق» مائارىپ قۇرۇلۇشىنىڭ بىر مۇھىم قەدىمى سۈپىتىدە «قوش تىللىق يەسلىلەر»نى كۆپەيتىشنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 10-نويابىر ئېچىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكى ‹قوش تىللىق يەسلى› قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى» دا مەركەز ۋە يەرلىكتىن بولۇپ ئىككى مىليارد 600 مىليون سوم (تەخمىنەن 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ ئاجرىتىپ مەزكۇر رايونلاردا يېڭىدىن 1700 «قوش تىللىق يەسلى» بەرپا قىلىنىدىغانلىقى، ھەرقايسى جايلاردا تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بۇ يەسلىلەردە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇيدىغانلىقى جاكارلاندى. بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا «قوش تىللىق يەسلى» ئوقۇتۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يېڭىدىن ئۈچ مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىلىنىپ تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردا يېڭىدىن ئېچىلغان «قوش تىللىق يەسلى» لەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلدى.
28-نويابىر كۈنى مائارىپ نازارىتى ۋە ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئاچقان يىغىندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا، كەنتلىرىدىكى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبتىكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 2017-يىلى پۈتۈن رايوندىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ سانىنى 4387 گە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنى 3223 كە يەتكۈزۈش قارار قىلىنغان. بۇنداق بولغاندا ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى قوش تىللىق يەسلىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەر نىسبىتىنىڭ 74% نى ئىگىلەيدىكەن.
دائىرىلەر يەنە، 2017-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە قوش تىللىق يەسلىلەرگە بىر مىليون 120مىڭدىن ئارتۇق بالىنى قوبۇل قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە 770 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى يېزا، كەنتلەردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە بىر قىسىم يەرلىك ئاھالە بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتۇق ھەمدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق يەسلى» گە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلدۇق. قەشقەر شەھىرىدىكى زىيارەت ئوبيېكتىدىن بىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىزنىڭ مەھەللىدە بۇنداق ھەقسىز يەسلى تېخى يوق» دېدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ خىلدىكى «قوش تىل يەسلىلىرى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا «ھازىرقى شارائىتتا ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنى بىرنەچچە يىل ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشى، ئاندىن خىتايچە مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشى ئەڭ ئاقىلانە چارە» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ساھەسىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىزدەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇب ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسدە سەكپارە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھەم جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگىلەشتىن مەھرۇم قالماسلىق ھەم ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يوقاتماسلىق شەرتى ئاستىدا تەربىيەلەشنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئۇنىڭ پىكرىچە ئاتا-ئانىلار مەلۇم دەرىجىدە ئەجىر قىلسا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ مۇمكىن ئىكەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «قوش تىللىق يەسلى» لەر جىددىي ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ھازىر بۇ خىلدىكى يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سانى 350 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا.