سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇن ئەپەندى: ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ ئەۋلادلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى كۈچلەندۈرۈۋاتىدۇ

0:00 / 0:00


بۈگۈنگە قەدەر كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى مىللىي كىملىكىدىن ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمەت تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنىڭ خىتاينىڭ كۈتكىنىدىن ئەكسىچە نەتىجە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 9 ياشلىق ئابلىكىمنىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي باشلانغۇچ مەكتىپىدىن ھەيدىلىش ۋەقەسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇچقۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىنىڭ نۆۋەتتە 7 ياشتىن، ھەتتا يەسلىدىن باشلاپ مىللىي تەڭسىزلىككە ئۇچراشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاڭلىتىشىمىزدا ئۈرۈمچىدە 9 ياشلىق بىر بالىنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولىدا زەنجىر تۇتقان ھالدا كۆزىتىش ئاپاراتىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىك ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مانا بۇ ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇچقۇن ئەپەندى، ئەگەر شۇ 9 ياشلىق بالىنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» گە قاتنىشىشى راست ئەھۋال بولسا، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى مائارىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆسمۈر ۋاقتدىن ھەتتا يەسلىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ بۇ قاراشلىرىنى 9 ياشلىق ئابلىكىمنىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىش ۋەقەسىنى بىزگە يەتكۈزگەن ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزلىرىمۇ دەلىللىمەكتە.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئابلىكىم مەكتەپتىن ھەيدەلگەندىن كېيىن، سىنىپتا ساۋاقداشلىرىمىز بىزگە گەپ قىلمايدىغان، بىزگە سوغۇق قارايدىغان بولۇۋالدى، مۇئەللىمىمىزمۇ سىنىپىمىزدىكى بىز ئۆچ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئارقىدىكى رەتكە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، بۇرۇن ئالدىدا ئولتۇراتتۇق. 5 - ئيۇلدىن كېيىن مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقچىلار مەكتەپكە كىرىپ چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىلىرىغا سەپ سالاتتى، مېڭىش - تۇرۇشىغا دىققەت قىلاتتى، بىر ئىش چىقىرىدۇ، دەپ.»

ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىدا ئۆز مىللىي كىملىكنى بالدۇر تونۇشقا سەۋەب بولۇۋاتقان يەنە بىر ئىش، سىياسىي تەشۋىقات. مەكتەپلەردىكى تۈگىمەس سىياسىي ئۆگىنىشلەر، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلماقتا. يەنى مەسىلىنى خىتاي ئوتتۇرىغا قويغىنىدىن ئەكسىچە چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىشقا يېتەكلىمەكتە.

ئۆكتىچى خىتاي يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ 10 يىللار بۇرۇن بىر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللىي قارشىلىقنىڭ ئۆسمۈر بالىلاردىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

2011 - يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە مۇكايلا ۋەقەسى يۈز بەرگەندە يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى ۋەقەدە يەتتە ياشلىق بىر بالىنىڭمۇ ساقچىلارغا تاش ئاتقانلىقىنى بىر يىغىندا شىكايەت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇچقۇن ئەپەندىمۇ ئۆسمۈر بالىلاردىكى مىللىي قارشىلىقنىڭ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن باشقا ئائىلە پاجىئەلىرىدىنمۇ ئوت ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇچقۇن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ خىتاي كۈتكەندىن ئەكسىچە نەتىجىدە بېرىۋاتقانلىقىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى خىتاينىڭ تىلىنىلا ئۆگەندى ئەمەس، خاراكتىرىنى تونۇدى، ئۆزىنىڭمۇ كىملىكىنى تونۇدى، بۇ تونۇش مىللىي ھېسسىياتنى كۈچلەندۇردى.»

يۇقىرىدا خىتاي قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.