ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن 3000 غا يېقىن ئوقۇتقۇچىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇرسقا قاتناشتۇرۇلغان ۋە ئۇلارغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش ھەققىدە لېكسىيىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە 2016-يىللىق «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىغان كۇرسلارغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان يازلىق كۇرسقا 9-ئاۋغۇستتىن 18-ئاۋغۇستقا قەدەر 1207 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسى بېرىلگەن.
مەكتەپ تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاۋغۇست كۈنى مەكتەپ كۇلۇبىدا 2016-يىللىق ئىچكىرىدىكى«شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا يېتەكچىلىككە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا مەكتەپ پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ ۋېنۋۇ ۋە مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى بارات، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋەزىپە قىلىپ بېرىلگەن ئىچكىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىغان 1207 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارغا ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن 2 يىللىق ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولۇشتىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەلىم-تەربىيىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىرى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، 15-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مۇراسىمدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەننىڭ سۆز قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن «بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرۈش» نىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خىتايغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە بۇ يىللىق كۇرس ھەققىدە توختالغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىنمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا تاللانغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئالدىنقى شەرت قىلىنىپ، تاللىنىپ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئادەتتە 1 يىلدىن 2 يىلغا قەدەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەكتەپ تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى داۋاملىق تەربىيە مائارىپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە مەزكۇر مەكتەپتە ئېچىلغان كۇرسقا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەردىن تاللىنىپ، مەزكۇر تەربىيىلەش كۇرسىدا لېكسىيە ئېلىۋاتقان كۇرسانتلاردىن بىرەيلەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
بۇ ئوقۇتقۇچى مۇنداق دېدى: «بىزگە 2 يىل ۋەزىپە ئۆتەش بەلگىلەندى. ئەلۋەتتە بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ھازىر مەكتىپىمدە ئېلىۋاتقان مائاشىمغا قوشۇپ بېرىلىدىغان كاموندروپكا پۇلى، تاماق پۇلى قاتارلىقلار كۈنسايىن ئۆسۈۋاتقان مال باھاسى ۋە ئېشىۋاتقان كۈندىلىك چىقىمىمغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن خېلى پايدا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما،مەن ۋە مەن بىلەن بىرلىكتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارىدىغان ئوقۇتقۇچىلار 14-15 يېشىدىلا ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردە ئوقۇيدىغان ياش ئۆسمۈرلەرنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىمىز. بولۇپمۇ بىزدىن ئۆزىمىز يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن باشقا، ئۇلارغا قارىتا سىياسىي تەلىم -تەربىيەنى كۈچەيتىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقى تەلەپ قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز ھازىردىن باشلاپلا بىزدە زور بېسىم پەيدا قىلماقتا.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندىلەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىشى ۋە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلەش يەنى مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق، ئۇلاردا مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىيات شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەدبىر خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئىلگىرى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئەقىدىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە مەخسۇس «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نامىدا، خىتاي مائارىپى ۋە كومپارتىيە ئەقىدىسى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئىنتېرنېت دەۋرىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2000-يىللاردىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەخسۇس «شىنجاڭ سىنىپلىرى» تەسىس قىلىپ، 14-15 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئانا يۇرتى،ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ خىتاي مائارىپى ۋە ئىدېئولوگىيىسى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ، «ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى»، «ئۆسمۈر يېشىدىكى بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىپ ئائىلە تەربىيىسى ۋە مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسىدىن مەھرۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان مائارىپ مېتودىغا خىلاپ قىلمىش» دەپ تەرىپلىنىپ، بۇ ھەرىكەتنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما دائىرىلەر يەنىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلەشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 8-ئايغا قەدەر ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار 234 مىڭغا يەتكەن.