ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-03
قىرغىزىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى شەمشىدىن ئابدۇرېھىمنىڭ ئالتە بابتىن تەركىب تاپقان «تاللانما ماقالىلەر» ناملىق كىتابىنى تارقىتىش مۇراسىمى 3-دېكابىر كۈنى بىشكەكتىكى «ئاۋات» رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2014-12-03
يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىدا «تور تېررورچىلىقى» غا ئورتاق زەربە بېرىش چاقىرىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولدى.
2014-11-27
يېقىندا ياپونىيە كيۇشۇ يىپەك يولى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق مەجمۇئەسى بولغان «يىپەك يولى» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى شاھانە ئەسەرى قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2014-11-13
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن 11-ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى بېكىتىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.
2014-10-16
1895-يىلى نوبېل مۇكاپاتى شىۋېتسىيەدە تەسىس قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، 1949-يىلىدىن باشلاپ ياپونلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە باشلىغان. 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونلاردىن جەمئىي يىگىرمە ئىككى كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-10-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى ئۈچۈن خىتايغا بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان تىبەت ياكى ئۇيغۇر فامىلىلىك ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
2014-09-24
ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە بالىلاردىكى قىزغىنلىق ھەمدە ھەۋەستىن ئىلھاملانغان داڭلىق كەسپىي پۇتبولچى جۈرئەت زاھىر ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇرسى باشلاندى.
2014-09-09
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى بىلىملىك ساپالىق قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن تەر تۆككەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا 10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سالام يوللايمىز.
2014-09-08
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنپو ئەزالىرىنىڭ مائارىپ ۋە ئىنسانى تەرەققىيات جەھەتلەردە تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2014-09-05
تۈركىيە كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پروفېسسور سېيىت ئايدىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
2014-09-04
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى ھەدەپ خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش قەدىمىنى تېزلەتكەن پىر پەيتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
2014-09-02
1-سېنتەبىر بىلىم بايرىمى كۈنى قازاقىستان مەملىكىتىنىڭ بارلىق جايلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردە «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2014-08-21
تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان «ئېلىپبەسى ۋە ئوقۇشلۇقى» چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىنتايىن ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابنى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى نەشرگە تەييارلىغان.
2014-08-19
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلى ئاياغلىشىپ، - 12014 يىللىق كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە تىزىملىتىش باشلاندى. بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ھۆججەتلەر كۆپەيتىلىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى تېخىمۇ مۈشكۈللەشكەن.
2014-08-06
گوللاندىيەنىڭ ئوتىرېخت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ھاپىزلىق كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.