قازاقىستاندىكى «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا بىرلەشمىسى ئۇيغۇر مائارىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.11.27
tinchliq-dunyasi-xelqara-birleshmisi.jpg «تىنچلىق دۇنياسى» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئابېن نۇرمانوۋ «غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ بەش يىللىق مۇراسىمىدا . 2017-يىلى 2 -نويابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قازاقىستاندا كۆپلىگەن جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار، فوندلار ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە خەيرى-ئېھسان ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قىلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا قۇرغان تەشكىلاتلىرى بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئاستانا، چىمكەنت، تاراز ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. مەزكۇر جەمئىيەتلەر يۇقىرىقى پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە، مەجرۇھ بالىلارغا، يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە، ھال-ئوقىتى ناچار ئائىلىلەرگە ۋە باشقىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا. جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى مىللىتىنىڭ كىملىكىدىن قەتئىي نەزەر، بارلىق موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى دەپ ھېسابلىماقتا.

2008-يىلى قۇرۇلغان «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ياخشى تونۇش. بۇ تەشكىلاتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ قازاقىستاندىكى مۇدىرى ئابېن نۇرمانوف باشقۇرىدۇ. بىرلەشمە رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تۇرسۇن رازىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قازاق ۋە قازاقىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتىن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر ساھەلەردىكى تالانتىنى، ئۇلارنى تەربىيىلەۋاتقان ئۇستازلارنىڭ كەسپىي دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى قوللاپ-قۇۋەتلەشتىن ۋە رەغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن

تۇرسۇن رازىيېف ئۆتكەن يىلى مۇشۇ يۆنىلىشتە قىلىنغان ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا 8 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر يېرىم مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي مەكتەپ بار. شۇلاردا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىمىز. قازاقىستاندا قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك مەكتەپلىرى بار. مەكتەپ قايسى تىلدا بولسا، شۇ تىلدا ئىلمىي ئەمگەك مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزىمىز. ئۆتكەن يىلى 16 ئۇيغۇر مەكتىپىدە شۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدۇق. ئاتاقلىق شائىر ئىلىيا بەختىينىڭ 85 يىللىقىغا ئاتاپ، 11 مەكتەپتە مۇشائىرە ئۆتكۈزدۇق. 2017-ۋە 2018-ئوقۇش يىلىنى خېلىل ھەمرايېفنىڭ 90 يىللىقىغا ئاتاۋاتىمىز».

تۇرسۇن رازىيېف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئاساسىي جەھەتتىن تىل ۋە ئەدەبىيات مۇەللىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئەللىملەرنىڭ بۇ ئەمگەكلىرى «بېيبىتلىشىك ئەلېمى» ناملىق ژۇرنالدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى، «ئاتا يۇرت» ناملىق ژۇرنالدا قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ۋەكىللىرى بار ئىكەن.

تۇرسۇن رازىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى ئۆز ئىشىنى يىگىرمىدىن ئوشۇق ساھەدە ئېلىپ بېرىۋاتماقتىكەن. بىرلەشمە ئاساسەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلىمەكتىكەن. مەزكۇر بىرلەشمە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاكتىپ ئارىلىشىشنى كۆزدە تۇتماقتىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى يېنىدىكى خەلقلەر دوستلۇقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابلاھەي دۆلەتوف يېقىنقى ۋاقىتلاردا مەزكۇر بىرلەشمە ئەزالىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇشۇ يىلى جەنۇبىي قازاقىستاندىكى بىر قاتار مەكتەپلەرنى ئارىلاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىستاندىن 27 كىلومېتىر يەردە 16 مىڭ ئاھالىسى بار قارناق دېگەن يېزا بار ئىكەن. ئۇ يەردە ئۆزبېك تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان 4 مەكتەپ بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى مەخمۇت قاشقەرى نامىدا ئىكەن. خەلق بىزنىڭ قەدىمىي ئاتىلىرىمىزنى تونۇيدىكەن. شۇ يەردە ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بارمۇ دەپ سورىۋېدىم، كىمنىڭ نەق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. بىراق تارىخىي تەرەپتىن ئېلىپ كەلسەك، ئۇيغۇرلار بار دەيدۇ.»

ئابلاھەي دۆلەتوف ئۆز ۋاقتىدا ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر بىلەن مىللىتىنىڭ ئۆزبېك ئاتىلىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.