ئۇنىۋېرسىتېت روھى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ تەخىرسىز رېئاللىقى(1)

0:00 / 0:00

1980 - يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەركىن پىكىر ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە بۆشۈك بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كۆپلىگەن كىشىلەرنى جىددىي ئويلاندۇرماقتا.

مەلۇمكى، ئىنقىلاب خاراكتېرلىق يېڭى ئىدىيەلەر ۋە ھۆر پىكىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ بۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىخ سۈرگەن. ئۇنىۋېرسىتېت روھى يېقىنقى زاماندىن بۇيان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەردە مىللەتپەرۋەرلىك، مەرىپەتچىلىك ھەمدە دۇنياۋىيلىق ئېقىملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

1924 - يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان رۇسچە سىياسىي قانۇن مەكتىپىنى ئاساس قىلىپ راۋاجلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ يەردە ئوقۇغان. 1940 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتە ئۇيغۇر تارىخىدىن لېكسىيىلەر سۆزلىگەن. 1950 - يىللاردا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلمىي زھۇرنىلىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ 11 - ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

ھازىر ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەن ئەپەندى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1974 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئېغىر كۈلپەتلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ دەرۋازىسىنى بىر مەھەل قايتا تەربىيە كۆرگەن زىيالىي ياشلارغا ئەمدىلا قىيا ئاچقان مەزكۇر بىلىم يۇرتى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

1980 - يىللارغا كەلگەندە ئۇنىۋېرسىتېتلار يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىدا دېموكراتىك ئىدىيە ۋە ئەركىن پىكىرلەرنىڭ ئويغىنىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينىغان. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تېرمومېتىرىغا ئايلانغان. شۇ يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھاياتى ھەققىدە توختالدى ھەمدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا 1985 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئىدىيەسىدە كەسكىن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇزاق مەزگىللىك بۇرۇختۇملۇقتىن كېيىن 1980 - يىللاردا نىسبىي ھالدا تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى جۇشقۇن كەيپىياتتىكى ئۇنىۋېرسىتېت روھىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئەركىن پىكىر سەھنىسىگە ئايلانغان. دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ ئاشۇ يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئەسلەپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.