ئىستانبۇلدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىپبەسى مۇھاكىمە قىلىندى
2018.11.22

11-ئاينىڭ 20- ۋە 21-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر ئېلىپبەسى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ھەققىدىكى ماۋزۇمۇ مۇھاكىمىگە قويۇلدى.
مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن كۆپلىگەن تىلشۇناسلار قاتناشتى. ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىدىن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «ئۇيغۇرلاردا لاتىن ئېلىپبەسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ھۈليا قاساپئوغلۇ خانىم «تارىختىكى چاغاتاي يېزىقى ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
مەلۇمكى، 1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر ئېلىپبەسى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر ئېلىپبەسى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا 27 يىلدىن بۇيانقى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق ئېلىپبە يارىتىش خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
1991-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە بولغان 27 يىل جەريانىدا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر لاتىن ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، يېقىندا قازاقىستانمۇ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتكەن. قىرغىزىستان بولسا لاتىن ئېلىپبەسى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ يىغىندا يۇقىرىقى مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار 1930-يىللاردا تۇنجى قېتىم لاتىن ئېلىپبەسى ئىشلەتكەن. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار كىرىل ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا يېزىقنى ئىشلەتمەكتە. بۇلاردىن سىرت كومپيۇتېر لاتىن يېزىقىمۇ تەڭ ئىشلىتىلمەكتە. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپبە مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا ئېلىپبەسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 1992-يىلى تۈزۈلگەن 34 ھەرىپتىن تەركىب تاپقان «تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق لاتىن ئېلىپبەسى» گە ئۆتۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كېلەچەكتە تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلىدىغان لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور ھۈليا قاساپئوغلۇ خانىم ھازىرغىچە كۆپ ساندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئىنتايىن قىيىن بىر دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپبەدە بىرلىككە كېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.