UNPO خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى ئۇيغۇرلارغا مائارىپتا سۈپەت ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى
2014.09.08
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنپو ئەزالىرىنىڭ مائارىپ ۋە ئىنسانى تەرەققىيات جەھەتلەردە تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ساۋاتسىزلىق مەزكۇر ئورگانغا ئەزا خەلقلەردە كەڭ تارقالغان ئومۇميۈزلۈك ھادىسە، دەپ كۆرسىتىپ، بۇ، يەرلىك خەلقلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر چېكىۋاتقان ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىكنى نامايان قىلىدۇ. بۇ خەلقلەردىكى ئوخشىمىغان قاتلاملارنىڭ ئىنسان تەرەققىياتىدىكى تەڭسىزلىك، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق مائارىپ تەربىيەسىگە ئېرىشەلمەسلىك پەيدا قىلغان زەئىپ ئورنى بىزنى داۋاملىق ئەندىشىگە سالماقتا، دېگەن.
8-ئاۋغۇست خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ساۋاتلىق نىسبىتى 95% گە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندا ساۋاتلىق ئورامى 40 % ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ زور پەرق يەرلىك خەلق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقى، بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىدىكى زور توسقۇنلۇققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەزكۇر بايانات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما مەسئۇل خادىمى ئېۋا پېتكوۋىچ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ غۇرۇرى، كىملىكى ۋە ئۆزىنى تونۇشىغا زور تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ساۋاتسىزلىق بىزگە ئەزا خەلقلەر ئىچىدە كەڭ تارقالغان ھادىسە. بۇ ھەقىقەت شۇنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بىزگە ئەزا خەلقلەرنىڭ تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان سۈپەتلىك مائارىپ ۋە ئەركىن مائارىپقا ئېرىشەلمىگەن. خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئوخشاش ھادىسىلەردە مائارىپ پەۋقۇلئاددە مۇھىم مەسىلە. چۈنكى، خىتاينىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق مائارىپ تەربىيەسىگە ئېرىشەلمەي كەلدى. ئۇيغۇر خەلقى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇيالمايدۇ. ئۇلار خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندى. نەتىجىدە بۇ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، كىملىكى ۋە ئۆزىنى تونۇشىغا قاتتىق تەسىر قىلدى.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلق رايونلىرىنىڭ ساۋاتسىزلىق ۋە مائارىپ مەسىلىسىدىكى يەنە بىر توسقۇنلۇق-مەۋجۇت مائارىپ سىستېمىسىدۇر. مەۋجۇت مائارىپ سىستېمىسى يەرلىك خەلق ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش يولىغا ئالاقىدار توغرا ئۇچۇرلارنى ئەكس ئەتتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلاردىكى ئېتىراپ قىلىنىش، نەتىجە ۋە بىلىمگە بولغان ئىشتىياق تۇيغۇسىنى زەئىپلەشتۈرگەن.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئېۋا پېتكوۋىچ، بۇ خىل مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يەرلىك خەلق ياكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىدا پەيدا قىلىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە توختالدى، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب، كومپيۇتېر قاتارلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش مۇھىم بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلاردا خوجايىنلىق تۇيغۇسى يارىتىش مۇھىم بولۇپ، بۇ خىل تۇيغۇ ئانا تىل مائارىپى، شۇ خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچىمى ۋە تۇرمۇش يولىغا مۇۋاپىق مائارىپ سىستېمىسى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ.
ئېۋا پېتكوۋىچ، ئەلۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنى قوللىنىشىغا كومپيۇتېر، كىتاب قاتارلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە ساۋاتلىق بولۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇھىم. بىراق شۇنداقلا يەنە، ئوقۇغۇچى ۋە كىشىلەردىكى ھەر خىللىق، رەڭگا-رەڭلىكنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشمۇ مۇھىم. ئەگەر ئۇلارغا تارىخىي، مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە تىلىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ جەمئىيەتكە داخىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرمىسىڭىز، سىزنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچىمىڭىزگە مەكتەپ پروگراممىلىرىدا ئورۇن بېرىلمىسە، بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تونۇشىڭىزغا، ئاكتىپچانلىقىڭىزغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۆزىڭىزنى چەتكە قېقىلغانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، دېدى.
ب د ت مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن تەشكىلاتى 1966-يىلدىن بېرى ھەر يىلى 8-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنىنى خاتىرىلەپ كەلدى. ب د ت 1965-يىلى 17-نويابىر قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 8-ئاۋغۇستنى خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى قىلىپ بېكەتكەن.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ «ساۋاتسىزلىق UNPO ئەزالىرىغا نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ» سەرلەۋھىلىك باياناتىدا، مائارىپ ھوقۇقى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ باشقا بارلىق ساھەلىرىگە باغلىق ئاساسىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھاياتى ۋە تەرەققىياتقا ئىشتىراك قىلىش، ئەركىنلىك ۋە ئۆزىنى تونۇشتىكى زۆرۈرىيەت، دەپ دېگەن.
باياناتتا كۆرسىتىشىچە، مەكتەپلەردىكى مىللىي، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كەمسىتىش مائارىپ تەڭسىزلىكىدىكى ئەڭ زور توسالغۇ بولۇپ، بۇ، يەرلىك خەلق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى ياخشى ئوقۇماسلىق، مەكتەپ پۈتتۈرەلمەسلىك نىسبىتى يۇقىرىلىقىنىڭ سەۋەبى. باياناتتا، بۇ خىل نامۇۋاپىق سىستېما يەرلىك خەلق ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياخشى ئوقۇمىسا، بۇ ئۇلارنى نامراتلىق، ئىجتىمائىي سەرسانلىق، نامۇۋاپىق تەرەققىياتقا مۇپتالا قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يەكلىنىشكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېۋا پېتكوۋىچنىڭ قارىشىچە، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇقىملىق ۋە پۇقرالاردىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە ئەھمىيىتى زور. ئېۋا پېتكوۋىچ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ئالغا سۈرۈشنىڭ بىر قىسمى. يۇقىرى سەۋىيەدىكى ساۋات شەخسلەرنىڭ ئۆز جەمئىيىتىگە، مۇھىتقا بولغان ياكى دېموكراتىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەنە، كىشىلەرنىڭ توقۇنۇشنى غەيرىي زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور. مائارىپ سىستېمىسىدىكى يۇقىرى ساۋاتلىق نىسبىتى، يۇقىرى تەربىيە مەكتەپلەردىكى كۆپ خىللىقنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ياخشىلايدۇ.
بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ سىستېمىسىدىكى كۆپ خىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قاراپ، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مائارىپىنى مەركەز قىلغان بىر خىللىقنى تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن. شۇڭا، ئۇ ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، مەكتەپ ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي، دىنىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە چەكلىمە قويغان.