قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مەسىلىسىدىكى جىددىي تارتىشمىلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.12.24
shahimerdan-nurumof-ependi.jpg قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئەپەندى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئەتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىنىدا. 2018-يىل 16 دېكابىر ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

19-دېكابىر كۈنى «قازاق ئاخبارات» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈش كېرەك» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف يېقىندا قازاقىستان باش مىنىستىرى باقىتجان ساغىنتايېفقا مۇراجىئەت يوللىغان.

ئۇ ئالىي كېڭەش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى قازاق تىلىنى لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈش ئىدىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە زامانغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا مەزكۇر باشلانمىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەملىكەتنىڭ تىللىرىنى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈش جەريانىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىۋاتقان كرىل ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىمۇ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئوخشاش مەزگىلدە كۆچۈرۈشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز بىر، تىلىمىزمۇ بىر. بىز يەنە يېزىقلىرىمىزنىڭمۇ ئورتاق بولۇشىنى، بىر-بىرىمىزنىڭ تىل-يېزىقلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئوقۇيالايدىغان بىر مۇھىتنىڭ بولۇشىنى خالايمىز.»

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈش بويىچە مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ كومىسسىيەنىڭ تەركىبىگە ئالىملار، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مۇئەللىملىرى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خادىملىرى، جەمئىيەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار، ژۇرنالىستلار، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر بىرلەشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كىرگەن بولۇپ، بۇ مەخسۇس كومىسسىيە ئۇيغۇر كرىل يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىنغان بەش نۇسخا تاللىنىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ لايىھىلىرى سىناقلاردىن ئۆتكەن.
مۇشۇ يىلىنىڭ 12-مايدا بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ يىغىنىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قازاق لاتىن ئېلىپبەسىگە ئاساسلانغان نۇسخىسى بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكۈزۈش ئىشىنى قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نېمە ئۈچۈن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىنى قازاق لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا قوبۇل قىلىدۇ؟

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، «ئۆرلېۋ» ئالمۇتا ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ پىكرىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە پەقەت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭلا مەلۇم دەرىجىدە شەكىللەنگەن مىللىي مائارىپى، مىللىي ئەدەبىياتى ۋە مىللىي مەتبۇئاتى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «پەقەت بىزدىلا دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي يولغا قويۇلغان ئانا تىلىدىكى مەكتەپتە بىلىم ئېلىش، بەدىئىي ئەسەرلەرنى، گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بار. مەكتەپتە ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق پەنلەر بويىچە دەرسلىكلەر ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدۇ. ھەتتا تىلشۇناسلىقتا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى دېگەن چۈشەنچىمۇ بار. مەلۇمكى، بۇ ئەدەبىي تىلنىڭ ئاتالغۇلىرى، ئىملاسى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىي تىلدىن قىسمەن پەرقلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدا يېزىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ خېلى جىددىي رەۋىشتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، قازاق تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئوخشاش يېزىقلارنى ئوخشاش ۋاقىتلاردا ئىشلەتكەن. بۇ يەردە بىر دۆلەت-بىر يېزىق پرىنسىپى ساقلانغان. بۇ پەقەت ئوقۇش-ئۈگىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ پايدىلىق دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئىككى خىل يېزىقتا بىلىم ئالغاندىن بىر يېزىقتا بىلىم ئالغىنى سۆزسىز يېنىكرەك. لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مەسىلىسىدىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەھۋال تەكرارلىنىۋاتىدۇ. يېزىقلار ئارىسىدىكى پەرق بۇ تىللارنىڭ فونېتىكىلىق پەرىقلىرىگىلا، يەنى بەزى تاۋۇشلارغىلا باغلىق.»

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقان لاتىن يېزىقى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى قوللىنىۋاتقان لاتىن يېزىقى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق بار؟

رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «لاتىن يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بارلىق تىللارنىڭ يېزىقلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار كۆپ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاساسى بىر. ئەگەر بۇ تىللار قېرىنداش تىللار بولىدىغان بولسا، ئوخشاشلىقلار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھازىر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقان تۈرك، ئۆزبېك، ئەزەربەيجان، تۈركمەنلەرنىڭ يېزىقلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە 2001-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قوبۇل قىلغان لاتىن يېزىقلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار سۆزسىز كۆپ. مەسىلەن، 32 ھەرپنىڭ 24 تولۇقى بىلەن، ئۈچى قىسمەن ئوخشايدۇ. پەقەت بەش ھەرپتىلا پەرق بار. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى بولغان قازاق تىلى بىلەن يېزىق جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن قازاق ئېلىببەسى ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقى لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى تەشەببۇس قىلىندى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە قازاقىستاندىن باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدا 2001-يىلى قوبۇل قىلىنغان لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشىغا ھېچقانداق گەپ كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە.»

تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەھمۇدوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخىدا تىل ۋە يېزىق ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە 1950-يىلارغىچە كونا يېزىق، يەنى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كەلگەن. ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋرىدە خىتايلار يېزىقنى ئالماشتۇردى. شۇ دەۋردە ئوقۇغان بالىلار ئەرەب يېزىقىنى بىلمەيدۇ، لاتىنچىنىمۇ ياخشى بىلمەيدۇ. كېيىن يەنە كونا يېزىققا ئۆتتى. بىزدە مۇستەقىللىقتىن كېيىن يېزىقنى ئۆزگەرتىش توغرىلىق تۈركىيە بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورناتتى. بۇنىڭغا ئۆزبېكىستان كۆچتى. قازاقىستان ئەمدى كۆچۈۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىردەك لاتىن يېزىقىغا كۆچكەن، ئەمما ئۇنى ساقلاپ قالالمىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۆزبېكىستاندا مەن بىلىدىغان يازغۇچى-شائىرلار ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا يېزىققا قايتىش توغرىلىق مۇراجىئەت ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىدى.»

ئابدۇخالىق مەھمۇدوفنىڭ دېيىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «قازاقىستان لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ بەزىلەر ئۈچۈن بەلكىم ياخشىدۇر. ئەمما بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ نەرسىنى يوقىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شەخسەن مەن ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىش شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن باراۋەردەك تۇيۇلىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان بىلىم مىنىستىرىنىڭ مۇشۇ يىلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى قارارىغا بېنائەن لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشنى بارلىق بىلىم بېرىش مەھكىمىلىرىدە 2025-يىلغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلانماقتىكەن. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا 60 تىن ئوشۇق ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئارىلاش، يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەردە 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئانا تىلىدا بىلىم ئالماقتىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش دەرسلىكلىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتىگە نەشر قىلىدىغان «مەكتەپ»، «ئاتامۇرا» نەشرىياتلىرى، ئۇيغۇر تىياتىرى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ھەم كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل گېزىت ۋە ژۇرناللار مەۋجۇتتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.