«مەن خىتايلىق» دېگەن تۈركىيە MADO شىركىتىنىڭ خوجايىنى قاتتىق تەنقىد ۋە بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئاي ئەنقەرە چۇكۇرئامبار رايونىدىكى MADO ماروژنى شىركىتىنىڭ شۆبىسىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلماقچى بولغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى، خىتايدىكى مەنپەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرغان MADO ماروژنى شىركىتىنىڭ خوجايىنى مەھمەت سائىت كانبۇر، 16-نويابىر كۈنى تۈركىيەدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدىغان، خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركچە بۆلۈمىدە سۆز قىلىپ: «ئىنساننىڭ ئىككى ۋەتىنى بولىدۇ، بىرى تۇغۇلغان يېرى، يەنە بىرى قورسىقىنى تويدۇرغان يەر، مەن بۈگۈن خىتايدا قورسىقىمنى تويدۇرۇۋاتقان بولسام مەنمۇ خىتايلىق»، دېگەن.

مەھمەت سائىت كانبۇرنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلات بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى مادو ماروژنىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە ھۆر داۋا پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شارافېتتىن گۈلەر، MADO شىركىتى ھەققىدىكى كۆز – قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن MADO شىركىتىنىڭ خوجايىنى چىقىپ، مەن خىتايلىق دېيىش ئارقىلىق پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قاتتىق بىئارام قىلدى».

«ئىيى» پارتىيەسى ئېدىرنە شۆبە رەئىسى ئەكرەم دېمىر، MADO شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوقتۇر، MADO نىڭ ساھىبى مەھمەت سائىت كانبۇر، ئەنقەرە چۇكۇرئامبار شۆبىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىن ئېچىشىغا رۇخسەت بەرمىدى ۋە قورساق تويغان يەر ۋەتىنىمىز دېدى، مەنمۇ خىتايلىق دەپ ئېلان قىلدى. بىز مۇ تۈرك مادونى بايقۇت قىلىمىز»، دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى بۇ ھەقتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىغۇچىلارغا نەپ ئالغۇزماڭلار!»، دېگەن شوئار ئاستىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە MADO ماروژنى شىركىتىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىغۇچىلارغا قارشى بايقۇت قىلىش، ئىشغالچىلىققا، قىرغىنچىلىققا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ئەڭ كەسكىن كۈرەش ئۇسلۇبى بولىدۇ. ھەم قان قېرىنداش ھەم دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھەر قانداق تەشكىلىي ئاپپاراتقا قارشى خەلقىمىزنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز».

فەھمى ئاجات ئىسىملىك كىشى تىۋىتتېر ھېسابىدا، «MADO دېمەك ماراش ماروژنىسى دېمەكتۇر، قاھرىمانماراشلىق بىراق سۈتچى ئىمامنىڭ سۈتى بۇزۇق نەۋرىلىرىدىن بىرى» دەپ ئىنكاس يازغان.

سالىھ كۇك ئىسىملىك پروفېسسۇر دوكتور بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا ئىنكاس قىلىپ مۇنداق يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىن ئېچىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن ۋە مەن خىتايلىق دېگەن MADO نى بايقۇت قىلايلى».

جانەر كارا ئىسىملىك كىشى تىۋىتتېردا MADOخوجايىنىغا خىتاب قىلىپ: «دۇكاننىڭ ئىسمىنى ماۋ دەپ ئۆزگەرت» ! ، دەپ ئىنكاس يازغان.

سائىد ئەرجان ئىسىملىك تۈرك تىۋىتتېردا، «خۇسۇسەن مەن بۇ بايقۇتنى قوللايمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن MADOغا ھېچ قاچان بارمايمەن»، دەپ ئىنكاس يازغان.

6 مىليون 700 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان دېمەت ئاكالىن ئىسىملىك مەشھۇر تۈرك سەنئەتچى، MADOشىركىتى خۇجايىنىنىڭ مەزكۇر سۆزلىرى ئورۇن ئالغان ۋىدىيوسىنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىدى ۋە ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ: «سېنىڭ ماروژناڭنى يەيتتىم، ئەمدى ئىككىنچى يېمەيمەن، ئەگەر يەپ قالسام ماڭا زەھەر بولسۇن!» دەپ ئىنكاس يازغان.

16-نويابىر كەچتە MADOغا بايقۇت قىلىش چاقىرىقى تۈركىيەدىكى تىۋىتتېر تاراتقۇلىرىدا ئەڭ كۆپ بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان مەسىلە ھالىغا كەلدى.

17-نويابىر چارشەنبە كۈنى قەھرىمان ماراشتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار MADOشىركىتىنىڭ باشلىقى مەھمەت سائىت كانبۇرنىڭ «مېنىڭ خىتايدا قورسىقىم تويغانلىقى ئۈچۈن مەن خىتايلىق» دېگەن سۆزىگە قارشى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قەھرىمان ماراش شۆبىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىما» نامىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە يەرلىك خەلقتىن 30 غا يېقىن كىشى قاتناشتى، پائالىيەتتە قەھرىمان ماراش سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زىكرۇللاھ ئالىم سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «MADO خوجايىنىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن نومۇسسىزلىقتۇر، تۈرك – ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قاھرامانماراشتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە تۈرك خەلقىنىڭ پۇلى بىلەن كۈچلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئاغزىدىن بۇ خىل پەسكەش ئىپادىلەرنى ئاڭلاش ئىنساننى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ھادىسىدۇر. مادو شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مادو شىركىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە باشتا ئۇيغۇر خەلقى ۋە تۈرك خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرىمىز».

بىز ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ بىر ئىنساننىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋىجدانىنى ۋە غۇرۇرىنى قانچىلىك پەسكە چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مىللەتكە ئۆزىنى ئوخشىتىشى ۋە ئۆزىنى بۇ مىللەتنىڭ ئەزاسى دېيىشى ھەقىقەتەن ئىنساننى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى بۇ MADO مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز».

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 – ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى MADO نىڭ ئەنقەرەدىكى بىر شۆبىسىدە ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ كېلىشكەن بولۇپ، پروگراممىغا بىر كۈن قالغان ۋاقىتتا MADO نىڭ خوجايىنى ئۇ پروگراممىنىڭ ئۇ يەردە قىلىشقا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى، رۇخسەت بەرسە خىتايدىكى مەنپەئەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ پروگراممىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەنىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، MADO ماركىلىق ماروژنى شىركىتىنىڭ 40 دۆلەتتە دۇكانلىرى ئېچىلغان بولۇپ، تۈركىيەدە 300 ئورۇندا شۆبىسى مەۋجۇت ئىكەن. MADO شىركىتى خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە يىۋۇ قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلىرىدە شۆبىلىرىنى ئاچقان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە ئۇنىڭ خىتايدىكى 1000 ئورۇندا شۆبە ئېچىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.