مەرھۇم سەنئەتكار مەھمۇت سۇلايمان: «ئاڭلىغىن دوستۇم بىزدىن رىۋايەت»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خەلقى سەنئەتسۆيەر خەلق. ئازابلىرىنى، خوشاللىقلىرىنى شېئىر بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر. شۇڭا شائىرلىرىنى، سەنئەتكارلىرىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئىززىتىنى قىلىدۇ.

خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ھەم خەلقىنىمۇ سۆيگەن مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچى ۋە ناخشىچى مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندى 2020-يىلى 22-نويابىر ئۈرۈمچىدە بۇ دۇنيا بىلەن، ئۆزىنى سۆيگەن خەلقى بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ھەر خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بەزىلەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىنى كورونا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. بەزىلىرى بولسا ئاشۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قەستەن ۋاقتىدا قۇتقازمغان دەپ قارىغان. ئەمما بۇ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېنىق ئىسپات يوق.

مەرھۇمنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى ۋە ۋاپاتىغا ئائىت ۋىديولىرى تارقالغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەنئەت سەھەسىدىكى دوسىتلىرى، ئىخلاسمەنلىرى تارقاتقان ئەسلىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەر، مەرسىيەلەر نەچچە ئايغىچە ئۈزۈلمىگەن.

داڭلىق ناخشىچى، مەمۇت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ خىزمەتدىشى ۋە دوستى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم دوستىنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇرۇشىنى مۇنۇ مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ئىدى:

بىر يۇلتۇز ئۆچتى ئەل كۆكىدىن،

ئۆچمەيدۇ دىلدا يۈكسەكلىكىدىن،

ئەلۋىدا دوستۇم مەھمۇت سۇلايمان،

يېرىلدى يۈرەك چاك-چېكىدىن.

ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە مۇقام ۋارىسى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى ئاۋسىتىرالىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەھمۇت سۇلايمان بىلەن خىزمەتداش بولۇپ بىللە ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەردە چوڭ بولغانلىقى، شۇڭلاشقا ئۆز خەلقنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئەسەرلەرنى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىجاد قىلغانلىقنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇت سۇلايمان 1968-يىل قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1981-يىلى ئۇيغۇر رايونلۇق سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985-يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلى «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان، شۇنداقلا «رىۋايەت»، «سالام دوستلار»، «يۇلتۇزۇم» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى چىقىرىپ داڭ قازانغان. 1997-يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. 2005-يىل شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 2006-يىل «سېغىنمىدىڭمۇ» دېگەنMTV پلاستىنكىسىنى چىقارغان. ئۇ يەنە «يىپەك يولى ساداسى» ۋە «مەن ناخشىچى» پروگراممىلىرىدا يېتەكچى ئۇستاز بولغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرىدىغان كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە ئورۇندىغان تالانتلىق ناخشىچى بولۇپلا قالماي، كەسىپتە تېخىمۇ ئۆرلەش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئۆگەنگەن ۋە ئىزدەنگەن. كۆپلىگەن ياش ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلارنى تەربىيەلىگەن ھەمدە ئۇلارغا كەسىپ ۋە ئەخلاق جەھەتتىن ئۈلگە بولغان.

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم سەنئەت ۋە سەنئەتكارلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سەرخىل مەدەنىيەت بىر بايلىق، ھەم ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەللىكى. بۇ بايلىق سەنئەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىنسانلار ھەر خىل ھىسياتلىرىنى ناخشا-مۇزىكىلار ئارقىلىق ھەق خىل شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ. ئاشۇ ھىسياتلارنى قەلبتىن-قەلبكە يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ئاشۇ سەنئەتكارلار.»

مەرھۇم مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتىدىن پەخىرلەندۈرىدىغان «رىۋايەت» ناملىق ناخشىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ ياقتۇرۇلۇپ ئاڭلىنىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

مۇقەددەس مىجىت خانىم ھەقىقىي سەنئەتكار ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن تەتقىقات يۆنىلىشىم سەۋەبىدىن مەھمۇت سۇلايمان ئاكىمىزنىڭ ناخشىلىرى بىلەن بەك تونۇشماپتىكەنمەن. ئەمما مەن ئۇ ئاكىمىزنى ‹ئىجادىيەتتە ھېچكىمگە ئەگەشمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىچكىي دۇنياسىدا ياشايدۇ، ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ، › دەپ ئاڭلىغان. بۇ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە ئىز قالدۇرالايدىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىر ئالاھدىلىكى، دەپ قارايمەن.»

مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر ئىخلاسمەنى مەرھۇم بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، مەرھۇمنىڭ ناھايىتى ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىگە مۇنداق دەپ يازغان: «مەھمۇت سۇلايمان گويا شىردەك كىشىنى ئەيمەندۈرگۈدەك زەبەردەست قامىتى، ئېسىل سۈپەت سالاپىتى، كەم ئۇچرايدىغان شاپ بۇرۇتى بىلەن كۆرگەنلا كىشىدە ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇراتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ بەكمۇ كىچىك پېئىل، ناھايىتى چېچەن، كەمتەر، ئېغىربېسىق، مۇلايىم كىشى بولۇپ، پەۋقۇلئاددە كەمسۆزلىكى، بەزەن گېپىنى پۇلغا ساتىدىغاندەك تەسىر بېرەتتى. كىشىگە تىكىلىپ قارىمايتى، ئويچان كۆزلىرى بىلەن مۇڭلىنپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. جەمئىيەتنى، كىشىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. چوڭغا چوڭچە، كىچىككە كىچىكچە ھەممەيلەنگە بىر خىل ئادىل، سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى. خوشامەت، سۇخەنچىلىك دېگەندەك ناچار ئىللەتلەردىن يىراق ئىدى.»

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ مەرھۇمنىڭ پەزىلىتى ۋە كەسىپتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «رەھمەتلىك مەھمۇت سۇلايماننىڭ ئۆلۈمى بەك سىرلىق. ئۇ دوختۇرخانىغا ئاغىرىق بىلەن كىردى، ‹يۈرىكىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ› دەۋاتقان كىشىنى يېرىم سائەت كارىدوردا ساقلاتقانلىقىنى ۋىدىيودىن كۆردۇق. ۋەتەندە ياشلىرىمىز ئاشۇنداق تۇيۇقسىزلا ۋە غەلىتە ھالەتتە تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ. ۋەتەندىكى سەنئەتكارلارغا، ئەلسۆيەر زىيالىيلىلىرىمىزغا، ئېسىللىرىمىزغا ئاللاھ مەدەت بەرسۇن. مەھمۇت سۇلايمان ئىجادىيەتلىرى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ!»