مالايشىيا پارلامېنتى خىتايدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭ دائىرىلىرى بىۋاسىتە تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيانىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى مالايشىيا باش ۋەزىر باشقارمىسىدىكى مىنىستىر موھىد رېدزۇئان يۇسوفنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى سوئاللىرىغا قايتۇرغان جاۋابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ يىل سېنتەبىردىن بۇيان مەخپىي تۇتۇلغان مەزكۇر جاۋاب مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.
روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، موھىد رېدزۇئان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مالايشىياغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بولسا، مالايشىيا خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلىپى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرماسلىقنى قارار قىلدى.»
مالايشىيا ئاقىللار ئامبىرى-ئەمىر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رايس ھۈسەيىن مالايشىيانىڭ بۇ مەسىلىدە قەتئىي تۇرغانلىقىنى ماختىدى.
موھىد رېدزۇئان مالايشىيانىڭ پېرىكاتان ناسيونال ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا ماخاتىر مۇھەممەد ئىتتىپاقىنى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.
ماخاتىر باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، 2018-يىلىدىن بۇ يىل فېۋرالغىچە، خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، تۈرمىدىكى 11 ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەن. بۇ ھەرىكەت خىتاينى غەزەپلەندۈرگەنىدى.
