خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا «7 -قېتىملىق شىنجاڭ مەسىلىسى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى. يىغىندا دائىرىلەر زور بىر تۈركۈم مەنتىقسىز ئىزاھات ۋە پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىققان يەنە بىر قىسىم مۇستەقىل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇچۇر ۋە بايانلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى ھەم ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇمغا نىشان بولغان بىر قىسىم پائالىيەتچى ۋە گۇۋاھچىلار، بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ يىغىن ئارقىلىق ماھىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» بويىچە ئارقا-ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى خەلقئارادا دۇچ كەلگەن تەنقىد ۋە بېسىملارغا ئىنكاس قايتۇرماقتا. خىتاي بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، مۇستەقىل تەتقىقاتچى گېن بونن تەرىپىدىن قۇرۇلغان «شاھىت بىز» ئۇچۇر ئامبىرى، ئاۋسترالىيە سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇچۇر-مەلۇمات» خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» قاتارلىق 3 تەتقىقات ئورنىغا شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى بىرقىسىم غوللۇق گۇۋاھچىلارغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر ئۈچ ئورۇننىڭ ئارخىپىدا 12050 كىشىنىڭ تۇتقۇندا دەپ تىزىمى بارلىقىنى تىلغا ئالغان دائىرىلەر، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تىزىملىك ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇلاردىن پەقەت 3244 كىشىنىڭلا تۈرمىدە ئىكەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ بولسا نورمال ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا «شاھىت بىز» ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ تىلغا ئېلىنغان ئاۋسترالىيەدىكى مۇھاجىر پاتىمە ئابدۇغوپۇر خانىم، خىتاي تەرەپنىڭ، مەزكۇر بايانى ئارقىلىق، بۇ ئۈچ تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى يەنى تىزىملىكتىكى كىشىلەردىن تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ 3 مىليون بىلەن بەش مىليون ئارىسىدا كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر ئېتىراپتىكى نىسبەت بويىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ ۋاستىلىق ھالدا دەلىللەندى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. پاتىمە خانىم ئىلگىرى «شاھىت بىز» تورىدا ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. شۇڭا پاتىمە خانىم مەزكۇر يىغىندا ئۆزى تەنقىد ئوبيېكتى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقىدىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي تەرەپنىڭ، بۇ جەھەتتە ئېغىز ئاچماي تۇرۇۋېلىشىغا ئاساسەن، دادىسىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنىڭ رەت قىلغىنى بولمايدىغان ۋە ياساپ چىققىنى بولمايدىغان دەرىجىدە بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ يىغىنىدىكىسى بىلەن ئىككىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغان نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئارخىپتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى خەلقئارادىكى ئالاقىدار دۆلەت ۋە ئورگانلاردىن باشقىلارغا تېخى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇمۇ خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە بولمىسىمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا ۋە قەدەممۇ-قەدەم ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. يىغىندا تۇتقۇنلار تىزىملىدىكى 12050 كىشى ئىچىدىن 238 كىشىنىڭ، كېسەللىك قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغانىدى. بەختىيار ئەپەندى ئۆز تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنىڭ پەقەت چەكلىك ئىمكانلاردا ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەگەر شۇ ئېتىراپ قىلىنغان 238 كىشى نىسبەتلەشتۈرلسە، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆلۈم-يېتىم سانىدا قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەتنى تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، يىغىندا كۆرسىتىلگەن پاكىتلارنىڭ پۈتۈنلەي توقۇلما ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن يولدىشىغا ئائىت دېيىلگەن ئىمزانىڭمۇ ياسالما ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ يالغان سۆزلەشكە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن يالغان پاكىتلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا ئەڭ دىققەت تارتقان گۇۋاھلىق، ئاۋسترالىيەدىكى مۇھاجىر مامۇتجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئاتا-ئانىسى، قىزى ۋە قوشنىسىنىڭ بايانلىرى بولۇپ، مامۇتجاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، يەنى ئايالىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، ئىككى بالىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى چنن مۇخبىرى تەرىپىدىن ئەينەن ئاشكارىلىنىپ بولغان. ئۇ ئېكراندا ئۆزىنى قوپاللىق بىلەن تەنقىدلىگەن قوشنىسىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي تەرەپ يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندىلا ئايالىنىڭ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلىغانلىقىنى بايان قىلدى. يىغىندا مامۇتجاننىڭ ئايالى مۇھەررەمنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مامۇتجان ئايالىغا ئارتىلغان بۇ ئاتالمىش جىنايەت ۋە بېرىلگەن جازالارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئىلىدا تېررورلۇق گۇمانى ۋە ئەيىبلەش بىلەن سولانغان مىليونچە كىشىنىڭ ئەسلىدە ئايالىغا ئوخشاشلا، ئەقەللىي دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان نورمال پۇقرالار ئىكەنلىكى، ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ نىشانى بولغانلىقى ئۈچۈن، جازالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەسلىدە ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ بىر ئىلمىي خادىم بولۇشنىلا ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان مامۇتجان ئابدۇرېھىم، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدا خىتاينىڭ «7-قېتىملىق شىنجاڭ مەسىلىسى ئاخبارات يىغىنى» دا ھۇجۇم نىشانى بولغان بىر قىسىم پائالىيەتچى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ يىغىنغا قارىتا ئىنكاسلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.