ئانالىزچىلار: «ترامپنىڭ ماركو رۇبىيو قاتارلىق كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىشى، خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.11.15
donald-tramp-marco-rubio-1024-AP سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ رالېيگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام پائالىيىتىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-نويابىر، رالېيگ
AP/Ryan M. Kelly

مۇتەخەسسىسلەر، دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) نى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىشى، ئۇنىڭ كەلگۈسى 4 يىلدا خىتايغا تېخىمۇ جىددىي ۋە قاتتىق قول تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە يېڭى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى بولغان خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە سودا ساھەسىدىكى ئېمبارگو بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىشى، مايك ۋالتىز (Mike Waltz) نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى، جون راتكىللېف (John Ratcliffe) نىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقلىقىغا  تەيىنلىنىشى، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ۋە تەشۋىشكە سالغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، تىرامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا قارىتا ئىجرا قىلماقچى بولغان 60 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنىڭ ئەمەلىيلىشىش مەسىلىسىدۇر. ترامپ بۇنى ئۆز ئەتراپىدىكى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن شەخسلەرگە تايىنىپ، ئاستا-ئاستا ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇش ئامېرىكا ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئامېرىكا سانائىتى ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرى بولمايدۇ. شۇڭا ترامپ خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇش ئىشىنى ئاقسارايغا كىرگەن بىرىنچى كۈنىلا يولغا قويۇشى مۇمكىن. ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بەك قىممەت بولغاچقا، ئۇلارنى ئېكسپورت قىلالمايمىز. خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى يولغا قويغان تەقدىردە، بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ يەنە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇزاكىرىلىرىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ قولىنى كۈچلەندۈرىدۇ». 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشى، خىتاينى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

«مېنىڭچە، ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشى، خىتاينى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. ماركو رۇبىيو خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا سۆز قىلغان كىشى. ئۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى خىزمەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ھازىر تىرامپنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىككى خىل ئېقىم (يەنى كۆز قاراش) مەۋجۇت. بۇنىڭ بىرى، ۋەھىمە ۋە تەھدىت قارىشى. بۇ ئېقىمدىكىلەر ترامپنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتمەي، خىتاي بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىشىشقا تەييارلانغان بىر ئادەم دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قاراشتىكىلەر، دونالد ترامپنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالماسلىق، مەلۇم پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىرىنچى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىسپاتلانغان. مېنىڭچە، يەنە بىر تۈركۈم پۇرسەتپەرەسلەرمۇ بار. يەنى ترامپنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدە مەۋجۇت بولغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر تۈركۈم پۇرسەتپەرەسلەر بار. ئەگەر تىرامپ ئۆزىنىڭ ‹ئامېرىكا بىرىنچى› سىياسىتىنى يولغا قويسا،  ‹جەنۇبىي يېرىم شار› (Global South)، يەنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان خىتاي، بۇ نۇقتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكانى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋىي تەسىرىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ».

ماركو رۇبىيو، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىگۈچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ، خىتاي مۇئەسسەسەلىرىگە جازا تەدبىرى قويۇشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىدى. ماركو رۇبىيو ئالدىنقى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە «خۇاۋېي» شىركىتىگە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بايدېن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بولسا، خىتاي شىركەتلىرىگە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتماسلىقنى، باش شىركىتى خىتايدا بولغان «تىك-توك» شىركىتىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەب بىلەن 2020-يىلى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى ئېلان قىلىپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىق 11 نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئۇنداقتا، دونالد ترامپنىڭ ماركو رۇبىيو، مايك ۋالتىز، جون راتكىللېف قاتارلىق كۈچلۈك نامزاتلارنى ئۆزىنىڭ پات ئارىدا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ئورۇنلارغا ۋەزىپىگە تەيىنلىشى، خىتايغا قانداق بىر سىگنال بېرىشى مۇمكىن؟

 تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بۇنى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق ۋە كەسكىن سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارايدۇ.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ترامپ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ھەرگىز ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ ئېيتتى. بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە بىرلىكتە ئىش قىلىشقا تىرىشىپ باقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىك ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىشتى. مېنىڭچە، بىز بۇنداق ئەھۋالنى ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە كۆپ كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇ ترامپنىڭ رېگانغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. رېگان ئامېرىكانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ نىشانىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، لېكىن ترامپ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بۇنى پەرقلىق شەكىلدە قىلىدۇ ۋە قىلالايدۇ. ئۇ ئامېرىكانى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىنى كۈچەيتىشنى ۋە دۇنيادىكى مۇھىم شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.