ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى سىگناللار
2025.01.23
ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن ماركو رۇبىيو ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن بۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرۈلدى ۋە نەتىجىدە رەسمىي ھالدا ئامېرىكانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى. 21-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ماركو رۇبىيو، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق «تۆت دۆلەت خەۋپسىزلىك دىيالوگى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان.
ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تارقىتىلغان باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكياننى كۈچەيتىشتىكى ئورتاق ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق، بىز بۇ رايوندا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى، دېموكراتىك قىممەت قاراشنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدايمىز. تۆت دۆلەت خەلقئارا قانۇن، ئىقتىسادىي پۇرسەت، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە دېڭىز-ئوكياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى خەلقلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىز ھازىرقى بۇ ھالەتنى زورلۇق ياكى مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆزگەرتمەكچى بولغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. »
دەرۋەقە، «تۆت دۆلەت خەۋپسىزلىك دىيالوگى» خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىر بىرلىك، دەپ بىلىنىدىغان بولغاچقا ماركو رۇبىيونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى كۈنىدە بۇ بىرلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلار «ئالاھىدە مەنىگە ئىگە»، دەپ باھالىغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئاندېرس كور سۆزىدە، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى رۇبىيونىڭ خىزمەت مەزگىلىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەنچە بۇ رۇبىيونىڭ ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇ، ئۇزۇندىن بېرى بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئەمما ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا ھۆكۈمەت جەھەتتىنمۇ قاراش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىچىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكىلەر مەۋجۇت. شۇڭا خىتاي مەسىلىسىدە قانداق ئىلگىرىلەش ھەققىدە ھۆكۈمەت ئىچىدە بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەنگەن شەخسلەرنىڭ ھەممىسى خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قول پوزىتسىيەدىكى كىشىلەر بولغاچقا بۇنىڭ تەسىرى زور بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن» .
ئاندېرس كور ئەپەندى سۆزى داۋامىدا، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقىغا ماركو رۇبىيوغا ئوخشاش ھەر ئىككى پارتىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، تەجرىبىلىك ۋە ئاكتىپ بىر سىياسەتچىنىڭ تەيىنلىنىشى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدىكى كەسكىن مەيدانى بىلەن تونۇلغان.
كۇبانىڭ دىكتاتور كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن قېچىپ ئامېرىكاغا يەرلەشكەن ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان ماركو رۇبىيو، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنگەن ۋە ھەمدە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تەدبىر قوللىنىپ كەلگەن بىر سىياسەتچى ئىدى. ئۇ، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئامېرىكادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشىدە ھەمدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ، خىتاي مۇئەسسەسەلىرىگە جازا تەدبىرى قويۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبتىن 2020-يىلى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى ئېلان قىلىپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 11 نەپەر ئامېرىكالىق سىياسەتچىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەمدىلىكتە، خىتاينىڭ بولسا ئۆزى قارا تىزىملىككە ئالغان بۇ شەخس بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ جازا تەدبىرىنى كۆرمەسكە سېلىشى مۇمكىنكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ماركور رۇبىيوغا قويغان جازا تەدبىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، نەزەردىن ساقىت قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا جازا تەدبىرى قويۇش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئەھۋال ئەمەس. شۇڭا خىتاي بۇنى ئويلىشىدۇ، دەپ قارايمەن.»
دەرۋەقە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-يانۋار سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىپادىسىدە بۇ جازا تەدبىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيەگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە: «بىز ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆزئارا ئالاقىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ساقلاپ قېلىشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا ماركو رۇبىيونىڭ رەسمىي ھالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر مۇنداق دېدى:
«بىز ماركو رۇبىيو ئەپەندىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. بىز ئۇنىڭ ناھەقچىلىككە قارشى كۈچلۈك تۇرۇشىغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ماركو روبىيو خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان ئادەم. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ماركو رۇبىيو ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ماركو رۇبىيو ئەپەندى 21-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆزلىگەن تۇنجى نۇتقىدا ھازىرقى دۇنيادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن رىقابەتلەرگە قارشى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.