قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئالمۇتادا «ماتەم كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.10.01
matem-kuni-qazaqistan-1.jpg ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن ماتەم كۈنى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىل 1-ئۆكتەبىر.
RFA/Oyghan

دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈنى بىر يەرگە توپلىشىپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانىدى. بۇ يىلىمۇ 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چەكلىمىلەر ئېلان قىلىنغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغىمۇ چەك قويۇلدى ھەم بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلدى. ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلغان سەيىدئالىم ئامۇتوف يىغىلغانلارغا مۇراسىمنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن قۇرئان ئوقۇلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەم خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بىرى سەيىدئالىم ئامۇتوف ئەپەندى خىتاينىڭ ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 1949-يىلدىن تارتىپ كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زۇلۇملىرىنىڭ چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنى قىينىدى، دەپسەندە قىلدى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن باشقا 2017-يىلدىن باشلاپ لاگېرلارنى قۇرۇپ، خەلقىمىزگە ناھايىتى ئېغىر زۇلۇملارنى سالدى. بۇ كۈلپەت باشقا ھېچ قانداق مىللەتنىڭ بېشىغا كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خەلقنىڭ ئىرادىسى سۇنمىدى. يىغىنىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىدى دېسەممۇ بولىدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئۇ دۇنيالىق بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدۇق. ئارقىسىدىن خۇدانىڭ ئېشىنى بېرەيلى دېگەن ۋاقتىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ئادەملىرى كېلىپ، ‹ۋىرۇسنىڭ ۋاقتىدا يىغىلىشقا رۇخسەت ئەمەس› دېگەن باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بىزنى تارقىتىۋەتتى. ئەمما بىر خۇشال بولىدىغان يېرىمىز ئەرۋاھلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئۈلگەردۇق.»

«ئاخبارات» ژۇرنالىنىڭ مۇخبىرى نايىلەم تۇرسۇن خانىم مەزكۇر مۇراسىمغا زىيالىيلارنىڭ، يىگىت باشلىرىنىڭ، خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرىنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ ۋە ياشلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز بىلىمىز، 70 يىلدىن بېرى خىتاي رەزىللىكى، ئالدامچىلىقى بىلەن زېمىنىمىزنى بېسىۋېلىپ، خەلقىمىزنى خالىغانچە ئېزىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بېسىملا ئەمەس، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق. بىز ئىشىنىمىزكى، سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان خەلقىمىز چوقۇم ئازادلىققا چىقىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ياۋروپا، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتايغا قارشى ئوچۇق نامايىش ئۆتكۈزەلمىسىمۇ، ئەمما ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتىكەن. قازاقىستان ۋە خىتايغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مەملىكەتلەر «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزادۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.