ما شىڭرۇي ئۇيغۇر دىيارىدىكى كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ ۋە مەركەز بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلغان
2023.05.17
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 16-ماي كۈنى بېرىلگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 15-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە «باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە بارلىق كادىرلارنىڭ «ئىدىيەدە، سىياسەتتە ۋە ھەرىكەتتە شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدىكى بىردەكلىكنى ساقلىشى» نى تەلەپ قىلغان.
ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بۇ يىغىن ۋە ما شىڭرۇينىڭ سۆزلىرى، خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەردىكى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتتە بىر مەزگىل ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ جىنشىڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ما شىڭرۇينىڭ سۆزلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى: «مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت مۇقىملىقنى ساقلاش. شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق كادىرلارنىڭ بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ مۇقىملىقنى ساقلاش. ئۇنىڭ سۆزىدە باشقا مەزمۇن يوق. يىغىنچاقلىساق، بۇ يەردىكى ۋەزىپە پەقەت مۇقىملىقنى ساقلاش خالاس! »
ئۇ يەنە ما شىڭرۇينىڭ سۆزلىرىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا نىسبەتەن مەلۇم ئەندىشىسى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىم دېگەن سۆزلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رايوندا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇكى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ كادىرلارنىڭ زور بىر قىسمى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جاينى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر. شۇڭا بۇ يەردە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق. بۇ پەقەتلا ما شىڭرۇي دەۋرىدىلا تەكىتلىنىۋاتقان كادىرلار خىزمىتى ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇنى ئۇلار ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بارغانسېرى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەكتە.»
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت كادىرلىرى بىلەن خىتاي كادىرلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىناتتى. مەسىلەن ئالايلۇق، مەمۇرىي خىزمەتلەر ۋە سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ۋەزىپىلىرى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا بېرىلىدۇ. ئەمما ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، قارار بېرىدىغان ئىشلارنى چوقۇم خىتاي كادىرلىرى قىلىدۇ. نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق داۋام قىلىپ كەلگەن. ھېس قىلىشىمچە، زور كۆپ قىسىم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بۇنى ياخشى بىلسە كېرەك.»
ما شىڭرۇي يىغىندا يەنە «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن.
نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،
مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۇي تىلغا ئالغان ‹شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى› دېگەن سۆزدىن، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەردە شى جىنپىڭنىڭ باش پىلانلىغۇچى، قارار قىلغۇچى ۋە بىر قوللۇق يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.»
ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىن ئىبارەت يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. پۈتۈن كۈچ قۇۋۋەت بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش؛ ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.»
ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۈي بۇ يەردە شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى شۇ جايدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمەتنىڭ تايانچ كۈچلىرى ئارقىلىق تاماملاشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇ يەردە يەنە بىر مەيدان كۈرەشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىر تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان بۇ سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشقۇن ۋە تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ياكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ جىنشىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا بۇ خىل شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان ئەنسىرىشى سەۋەب بولماقتىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە چېگراداش بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىلھاملىنىشى، ھەتتا ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىدە ئىكەن. بۇ بىر قاتار ئامىللار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مەجبۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىنكەن.