گېرمانىيەلىك ئالىم پېتىر زىمې: «ئۇيغۇرىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بۇيۇملار يۈكسەك سەنئەت خەزىنىسىدۇر»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.09.29
berlin-medeniyet-senet-korgezmisi-uyghur-boyumliri-6.jpg گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىپ كېلىنگەن ئاسارئەتىقىلەر.
Photo: RFA

گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ 1914-1902-يىللىرى ئارىسىدىكى 4 قېتىملىق «تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى» ئارقىلىق، قىتئەلەر ئاتلاپ گېرمانىيەگە يۆتكەپ كەلگەن، ئۇيغۇرلارغا تەۋە زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى، ھازىرغىچە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىكى ۋەيرانچىلىق ۋە بومباردىمانلارغا ئوخشاش، قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى گېرمانىيە دۆلىتى تەرىپىدىن پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەر بىلەن ئاسراش نەتىجىسىدە ساقلىنىپ قالغان.

ئۆز ماكانىدىن يۆتكىلىپ گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن، بۇ ئۇيغۇرلارغا دائىر قەدىمىي مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ بىر قىسمى يېقىندا، بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرى ( Humboldt Forum) مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، دۇنياغا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە سەلتەنەتىنى نامايەندە قىلماقتىكەن.

گېرمانىيەلىك داڭلىق ئالىم پېتىر زىمې «ئۇيغۇرىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بۇيۇملار يۈكسەك سەنئەت خەزىنىسىدۇر»

مەزكۇر كۆرگەزمىگە قويۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تەۋە ئۇشبۇ بۇيۇملار تەتقىقاتىغا ھاياتىنى ئاتىغان گېرمانىيەلىك تۈركولوگ پروفېسسور، پېتىر زىمې (Peter Zieme) خۇمبولدت مۇزېيىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاس قەدىمىي سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قىسقىچە جاۋاب قايتۇردى. ئۇ ئېلخېتىدە ئۇيغۇر دىيارىنى «ئۇيغۇرىستان» دەپ ئاتاپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «قەدىمكى ئۇيغۇر سەنئەت بۇيۇملىرى (9-14-ئەسىرلەر) ھازىر بېرلىن خۇمبولدت مۇنبىرى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، 1902-1914-يىللىرى گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرىستانغا قىلغان تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەسىنىڭ بايقاشلىرىغا تەۋە. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئېكسپېدىتسىيەنى بېرلىندىكى ئېتنوگرافىيە مۇزېيى ئۈستىگە ئالغان، پرۇسىيە پادىشاھى قىسمەن قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ مۇزېي ھىندىستان سەنئەت مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىر يەنە خۇمبولدت مۇنبىرىگە قويۇلغان ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن. باشقۇرغۇچى بولسا لىلا رۇسسېل-سىمىس. بۇ، تام رەسىملىرى، بۇتخانا بايرىقى، ھەيكەللەر ۋە باشقا نۇرغۇن سەنئەت ئەسەرلىرى يۈكسەك سەنئەت خەزىنىسىدۇر».

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىكى 1-تام رەسىم 4 نەپەر شاھزادىنىڭ رەسىمى كۇچا قىزىل مىڭ ئويدىن ئېلىپ كېلىنگەن. 4-قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيىدە ئېلىپ كېلىنگەن.
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىكى 1-تام رەسىم 4 نەپەر شاھزادىنىڭ رەسىمى كۇچا قىزىل مىڭ ئويدىن ئېلىپ كېلىنگەن. 4-قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيىدە ئېلىپ كېلىنگەن.

پروفېسسور پېتېر زىمې يەنە بۇ بۇيۇملارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىدىكى دەۋرلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېگەن: «ھەممىگە ئايان بولغان يىپەك رەسىملەر ۋە ۋەسىقىلەرمۇ ھەم شۇنداق. بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، بۇلاردا مۇسۇلمان سەنئىتى يوق. سەنئەت بۇيۇملىرى ئاساسلىقى بۇددا دىنى ئېتىقادى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە. چۈنكى ئىسلام 14-ئەسىردىن كېيىنلا تۇرپان رايونىغا سىڭىپ كىرگەن. بۇ بۇيۇملار ئىلگىرى يەنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، بېرلىندىكى ھىندىستان سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانغان ئىدى».

گېرمانىيەدىكى تۈركولوگ دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پروفېسسور زىمېنىڭ تۇرپانشۇناسلىق، ئۇيغۇر تارىخ ۋە ئۇيغۇر قەدىمىي ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن. 14 كىتاب ۋە 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى بولغان پروفېسسور زىمې ئەپەندى، تۇرپان ۋەسىقىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

«تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى» خەزىنىلىرى ھەر خىل قىسمەتلەردىن مۆجىزىلەرچە ساقلىنىپ كەلگەن

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى، 1902-يىلدىن 1914-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان 4 قېتىملىق گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسىگە سەۋەب بولغان ئامىل، قانداق بۇيۇملارنىڭ، قانداق يوللار ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنىشى جەريانى توغرۇلۇق قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئابلەت ئەپەندىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشىچە، گېرمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىزلىرىغا قىزىقىشقا، 19-ئەسىرلەرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن يىپەك يولىنى ساياھەت قىلغان گېرمان نەسلىدىن رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان زىيارىتى داۋامىدا، تۇرپاندا قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە قالدۇرغان خاتىرىلىرى سەۋەب بولغان. 1899-يىلى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك شەرقشۇناسلار قۇرۇلتىيىدا، ئۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغۇچىلار بىر قىسىم بۇيۇملار ۋە خاتىرىلەر ھەمدە قول يازمىلار قاتارلىق بايقاشلاردىن دوكلات بەرگەن. بۇ گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەسى 1902-يىلى 11-ئايدىن 1903-يىلى 3-ئايغىچە پروفېسسور گرۇنۋېدېل باشچىلىقىدا شەرقشۇناس ئالىم جورج خۇت ۋە بارتۇس قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان. 1902-يىلى، قورال-ياراغ ئىشلەپچىقارغۇچى فرېدرىچ كرۇپنىڭ سالغان چەكلىك مەبلىغى بىلەن بۇ تۇنجى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۇرپانغا ئاتلىنىپ، 15 ھەپتە سەپەر قىلىش ئارقىلىق، غۇلجىدىن كىرىپ تۇرپانغا يېتىپ كەلگەن ھەم بىر يىلدىن كېيىن 46 ساندۇق ھەر خىل سەنئەت بۇيۇملىرى، قول يازمىلار قاتارلىقلارنى ئېلىپ قايتىپ كېلىپ، مەشھۇر بولۇپ كەتكەن.

ئىككىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە: 1904-يىلى 11-ئايدىن 1905-يىلى 8-ئايغىچە، باركۇس بىلەن لېكوك باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمان پادىشاھى ئىككىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەدە تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى بىر قانچە خارابىلىكلەر، قەدىمىي شەھەر قاتارلىق ئورۇنلاردا نۇرغۇن مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملار تېپىلغان. ئۇلار مۇھىم ھۆججەتلەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ھەيۋەتلىك تام رەسىملىرى قاچىلانغان 60 ساندۇقنى چۆچەك ئارقىلىق رۇسىيەگە، ئاندىن گېرمانىيەگە ئېلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئېلىپ كېلىنگەن ئاسار-ئەتىقىلەر ئىچىدە مانى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئائىت ئاسار-ئەتىقىلەرنىڭ بولۇشى تېخىمۇ زور دىققەت قوزغىغان.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىكى تۇرپان قۇجۇدىن 1-قېتىمدا ئېلىپ كېلىنگەن پەرىنىڭ سۈرىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە تەۋە.
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىكى تۇرپان قۇجۇدىن 1-قېتىمدا ئېلىپ كېلىنگەن پەرىنىڭ سۈرىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە تەۋە.

ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا باشلىنىدۇ. 1905-يىلى 12-ئايدىن 1907-يىلى 4-ئايغىچە گرۇنۋېدېل ۋە لې كۆك، ھ. پوخرت ۋە بارتۇس قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە ئۇزۇن ۋاقىت يۈرۈپ، تېخىمۇ كۈپ خەزىنىلەر بىلەن قايتىپ كەلگەن. بۇ پائالىيەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن.

تۆتىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە: 1913-يىلى 6-ئايدىن 1914-يىلى 2-ئايغىچە لې كۆك باشچىلىقىدا، بارتۇسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە جەريانىدا تېپىلغان مىڭلىغان رەسىم ۋە باشقا سەنئەت بۇيۇملىرى، قول يازمىلار، ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئۆرنەك بۇيۇملىرىنىڭ توپلىمى 40،000 پارچىدىن ئارتۇق قول يازما بىلەن بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن. 20 خىلدىن ئارتۇق تىل-ۋە يېزىقلار بىلەن خاتىرىلەنگەن ھەر خىل مەدەنىيەتلەرگە خاس بۇ قول يازمىلار ۋە بۇيۇملار گېرمانىيەنىڭ قىممەتلىك خەزىنىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قوغدالماقتىكەن.

لېكۆك رەھبەرلىكىدىكى تۆتىنچى ئېكسپېدىتسىيە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغانىكەن.

تۆت قېتىملىق تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى جەريانىدا گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بويۇملاردىن يالغۇز قول يازمىلارلا 40 مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ

گېرمانلار تەرىپىدىن نۇرغۇن تىل-يېزىقلاردا يېزىلغان قىممەتلىك قول يازمىلارنى ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ۋە توپلاش تۇرپاندىلا ئەمەس، بەلكى كۇچا، قاراشەھەر قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.

ئابلەت ئەپەندى يەنە گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ ساقلىنىۋاتقان بۇ ئېسىل مەدەنىي مىسرالارنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ تارىخىي جەرياندا، ئۇلارنىڭ ئۇچرىغان قىسمەتلىرى ھەمدە ساقلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

كۆرگەزمىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى

ئۆمۈر بويى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دىنىي ئېتىقادى، ئىشلەتكەن تىل-يېزىقلىرى، جۈملىدىن قىزىل مىڭ ئۆي تام سۈرەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئارخېئولوگ، ئامېرىكىدا ياشايدىغان قۇربان ۋەلى ئەپەندى، خۇمبولدت مۇنبىرى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇيۇملارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ مۇزېيغا قويۇلغان بۇيۇملارنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەردى.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە، بۇ مۇزېينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان تەڭرى تېغىنىڭ ھەر جايىدىن توپلاپ كېلىنگەن بۇ بۇيۇملار، بۇتساتىۋالارنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. بۇ بۇيۇملار بۇ يەردە ياشىغان خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ھېچقاچان خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مەن بۇنىڭدىن سۆيۈندۈم» دېدى.

گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنىڭ قىممىتى بارغانچە ئاشماقتا

مەزكۇر مۇزېيدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىگە ئائىت تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا، گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان ھەمدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، مىڭ يىلدىن مىڭ بەش يۈز يىلغىچە تارىخقا ئىگە تارىخىي مەدەنىيەت سەنئەت بۇيۇملىرى، يالغۇز گېرمانىيە ئارخېئولوگلىرى قىزىقىدىغان تېما بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى خەلقئارالىق ئالىملار ئورتاق تەتقىقات قىلىدىغان قىممەتلىك بۇيۇملار ئىكەن.

ئابلەت ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخىي ئىزلار ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەستەنلىك بىلەن يوقىتىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنڭ ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى سەۋەبى بىلەن ساقلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئابلەت ئەپەندى يەنە، بۇ قىممەتلىك خەزىنىلەرنىڭ بارغانچە چوڭقۇر ھەمدە كەڭ دائىرىلىك تەتقىقاتلارغا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا يەنىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.