2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەرھۇم ئۇيغۇر گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەندى.
مۇراسىم شېھىتلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەرھۇمنىڭ يېقىن دوستلىرى بولۇپ بىر قانچە كىشى مەرھۇم مەھمەت رىزا بېكىننىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ سۆز قىلدى. ئاندىن يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسمى باشلاندى. مۇھاكىمە قىسمىغا پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت يۈنۈس خانىم «مەمەت رىزا بېكىن پاشانىڭ ھاياتى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا، مەرھۇمنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن مەتىن ئۆزكان «بىر دۆلەت ۋە دەۋا ئادىمى رىزا بېكىن پاشا» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇھەممەدئەلى ئەلىئوغلى «ئۈچ ئەپەندىلەر ۋە مەمەت رىزا بېكىن پاشا» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوكتور مەغپىرەت يۈنۈسئوغلۇخانىم سۆزىدە مەرھۇم رىزا بېكىن پاشانىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەرھۇم مەمەت رىزا پاشا 1925-يىلى خوتەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1934-يىلى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلغان، 1937-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسى تەركىبىدە كورېيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە ئۇرۇشتا يارىلانغان. ئۇرۇشتا ئالاھىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كورېيەدىن قايتقاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ مۇھىم ھەربىي ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان. مەرھۇم 1977-يىلى ھەربىيلىكتىن دەم ئېلىشقا چىققان، كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرلىقىدا مەسلىھەتچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. 1986-يىلى مەرھۇم لىدەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. مەرھۇم 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان.»
دوكتور مەغپىرەت يۈنۈسئوغلۇ خانىم مەرھۇمنىڭ خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەرھۇم مەھمەت رىزا پاشا 1986-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن تاكى ۋاپات بولغۇچە كېچە-كۈندۈز دېمەستىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. پۈتكۈل ۋاقتىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بېسىملارنى تۈركىيە ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. مەرھۇم يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ يېتەكلىشى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن يېتىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. مەنمۇ مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىمنى ئىپتىخارلىق بىلەن ئېيتىمەن. مەرھۇمنىڭ روھى شات، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.»
يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئەلى ئەلىئوغلىمۇ مەرھۇم مەھمەت رىزا پاشانىڭ ئۈچ ئەپەندىلەر دەپ ئاتالغان مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەسئۇد سابىرى بايقۇزىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن پاشا بىر قېتىملىق خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ناھايىتى زېرەكلىك بىلەن: «بىز خىتايلار بىلەن ياخشى بىر قوشنا بولالايمىز» دېيىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن پاشا بىلەن 1997-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەندە تونۇشقانلىق جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم مەمەت رىزا پاشا 1986-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارادا ۋە تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياراملىق دەۋا ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ كۆرسەتكەن.
0:00 / 0:00