پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇت ۋەتىنى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.12.09
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇت ۋەتىنى قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قەدىمكى يېزا ئوپالدىكى مىلادى 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تىلچى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازارلىق باغچىسىغا ئورنىتىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلى. جۇغراپىيىلىك كوردىنات ئورنى: 39°18'55.87"N 75°30'41.83"E. سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە غايىب بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈلىدىغان ۋاقتى: 2019-يىلى 28-نويابىر.
Photo: RFA

ئالدىنقى پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) 2008-يىلىنى «دۇنيا مەھمۇت قەشقىرى يىلى» قىلىپ رەسمىي ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدۇق.

ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادا بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە مەھمۇت قەشقەرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر خىل ئىلمىي يىغىنلار چاقىرىلغان. ئۈرۈمچى، بېيجىڭلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ بۈيۈك ئالىم ئىلىم دۇنياسىدا قايتا نامايان قېلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2014-يىلىدىكى مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ 134-سانى مەھمۇت قەشقەرنىڭ يۇرتى ئوپالدا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگراممىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن دۇنياغا داڭلىق بۈيۈك ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققانلىقى، ئالىمنىڭ ھازىرمۇ قەشقەردە «ياتقانلىقى» دەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان.

ئالىمدۇر دۇنيانىڭ ئىنساننىڭ جېنى،

ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.

يۇرتىمىز ئالىمنىڭ ئەدىبنىڭ كانى،

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى،

يارىتار ئىلىم-پەن پارلاق ئەتىنى.

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى

شۇنداق، مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇرنىڭ پەخرى، ئىپتىخارى. ھەتتا مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە مەھمۇت قەشقەرىنى خەلقنى ۋەھشىي، يىرتقۇچلاردىن قۇتقۇزغان نىجاتكار، قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ‹تۈركولوگىيەنىڭ ئاتىسى› دەپ ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىلشۇناس، تارىخشۇناسلارنىمۇ چۆچۈتكەن.

بۇ ھەقتە تونۇلغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى رايان سام ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «2008-يىلىنى ‹مەھمۇت قەشقەرى يىلى›دەپ ئېلىن قىلىش، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم بىر ئالىم. ئۇنىڭ يېتۈك ئەسىرى ‹تۈركى تىللار دىۋانى› ئارقىلىق بىر پۈتكۈل تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ياشاش ئۇسۇلى ھەققىدە كەڭرى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيمىز. مەھمۇت قەشقەرىدىن باشقا بۇ قەدەر چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يازغان كىشى تېخى يوق. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىشى كىچىك ئىش ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى بارلىق خەلقئارالىق مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى خىتايدىن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېلىۋېىتىلىشىدىكى سەۋەب، يەنە باشقا ئۆزگەرتىشلەر ھەققىدىكى سوئاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانى بولۇپ قالماستىن بەلكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ ئوبرازى».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلدىن باشلىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت ۋە مازارلىقلارنى چېقىش دولقۇنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىقىپ تۈزلەنگەن مىڭلىغان مەسچىتلەر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى رادىيومىز تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز خەۋەر قىلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە چېقىلغان ۋە بۇزۇلغان مەسچىت ھەم مازارلىقلار سانىنىڭ 15 مىڭدىن كۆپلۈكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانىدى.

رايان سام ئەپەندى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل «ئىز يوقىتىش» خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى؛ «بىز خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ھەيكەلنى ئېلىۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمىز. لېكىن بىلگىنىمىزدەك نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەر قانداق نەرسىنى يوقىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، ئۇيغۇرچە پاسوندىكى مەھەللە-ئۆيلەر چىقىلدى، مەسچىتلەر ۋەيران قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان يېڭىساردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى ئېلى ئارسانخان مازىرى بۇزۇۋېتىلدى. يەنى تارىخنىڭ ئىزلىرى بىر-بىرلەپ ئۆچۈرۇۋىتىلشكە باشلىدى. مەدەنىيەتنىڭ ساقلاپ قالغۇچىلىرى، تارقاتقۇچىلىرى بولغان تارىخشۇناسلار راھىلە داۋۇتتەك فولكلورشۇناشلار يازغۇچىلار شائىرلار تۇتقۇن قىلىندى».

ئۇ يەنە مۇنۇ سۆزلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېلىۋېتىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. ئىسپاتىم يوق ئەمما مېنىڭ چۈشىنىشىمچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئېلى ئارسلانخاننى ياد ئېتىشىنى تەستە قوبۇل قىلىۋاتقاندا، يەنە بىر قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئوبرازى بولغان مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. ‹تۈركى تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسەرنى ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىغا باغلاپ تۇرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى قوزغايدىغان ئامىل دەپ قارىغان. ھەتتا نەچچە يىل بۇرۇن خىتاي تەتقىقاتچىلىرى‹ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس› دېگەن تېمىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانىدى. دېگىنىمىزدەك ھەيكەلنىڭ ئېلىۋېتىلىشىدە باشقا سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى خىتاي باشقا نۇرغۇن تارىخى ئىزلارنى ۋەيران قىلدى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قايتا يېزىپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلماقتا. ئاساسەن ئېتنىك ئالاھىدىلىكىدىن، مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ۋەيران قىلىنماقتا.»

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنكى پروگراممىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئۇيغۇرشۇناس رايان سام ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىغا ۋە ‹تۈركى تىللار دىۋانى›نى تۈرك تىلىغا ئاغدۇرغان تىلشۇناس ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندىنىڭ بۇ بۈيۈك زات ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.